دائېشنىڭ نېفىت ئىشلەپچىقىرىش بازىلىرىدىن بىرى قايتۇرۇپ ئېلىندى

مۇسۇلنى دائېشتىن تازىلاش ھەربىي ھەرىكەت دائىرىسىدە دائېشنىڭ نېفىت ئىشلەپچىقىرىش بازىلىرىدىن بىرى قايتۇرۇپ ئېلىندى.

676560
دائېشنىڭ نېفىت ئىشلەپچىقىرىش بازىلىرىدىن بىرى قايتۇرۇپ ئېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق ئارمىيەسى مۇسۇلنى تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشتىن تازىلاش ھەربىي ھەرىكىتى دائىرىسىدە شەھەرنىڭ غەربىدىكى تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ نېفىت ئىشلەپچىقىرىش بازىلىرى بولغان رايونلارنىڭ تىزگىنىنى قايتۇرۇپ ئالدى.

ئىراق ئارمىيەسى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، دائېشنىڭ قاييارا ناھىيەسىدىن بۇلاپ ئېلىۋالغان خام نېفىتنى نېفىت مەھسۇلاتلىرىغا ئايلاندۇرۇش مەقسىتىدە پايدىلىنىپ كېلىۋاتقان ئاتشانا رايونىنىڭ تىزگىنىنىڭ قايتۇرۇپ ئېلىنغانلىقى قەيت قىلىندى.

مۇسۇلنى تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشتىن تازىلاش ئۈچۈن، ئىراق ئارمىيەسى، پەشمەرگە كۈچلىرى ۋە باشىقا ھەربىي بازىسىدا تۈرك ئەسكەرلىرىدىن ھەربىي تەلىم ئالغان نىنوۋا مۇجاھىتلىرى بىرلىشىپ،  17-ئۆكتەبىردە قوزغىغان ھەربىي ھەرىكەت دائىرىسىدە ئىراق ئارمىيەسى شەھەرنىڭ شەرقىنىڭ تىزگىنىنى قايتۇرۇپ ئالدى.

ئىراق باش مىنىستىرى ھايدار ئەل ئىبادى يەكشەنبە كۈنى بەرگەن باياناتىدا، مۇسۇلنىڭ غەربىنى دائېشتىن قايتۇرۇپ ئېلىش ئۈچۈن ھەربىي ھەرىكەت قوزغالغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر