فەتھۇللاھ گۈلەننىڭ قايتۇرۇپ بېرىلىش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقى بىلدۈرۈلدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەلچىسى نامزاتى تېد ماللوچ فەتھۇللاھ گۈلەننىڭ قايتۇرۇپ بېرىلىش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى.

676194
فەتھۇللاھ گۈلەننىڭ قايتۇرۇپ بېرىلىش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقى بىلدۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەلچىسى نامزاتى تېد ماللوچ، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى كاتتىبېشى فەتھۇللاھ گۈلەننىڭ تۈركىيەگە قايتۇرۇپ بېرىلىش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقىنى ئېيتتى.

پىروفېسسور تېد ماللوچ تۈركىيەدىكى مەلۇم بىر خۇسۇسىي تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى كاتتىبېشى فەتھۇللاھ گۈلەننىڭ قايتۇرۇپ بېرىلىش مەسىلىسى توغرۇلۇق توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇلتۇر 15-ئىيۇلدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەر يەنى ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش قىلمىشى توغرۇلۇق تولۇق مەلۇماتلارغا ئىگىمىز. ئامېرىكا تەكشۈرۈشلەر ئاخىرلاشقاندىن كېيىن فەتھۇللاھ گۈلەننى نېمىشقا قايتۇرۇپ بەرمىسۇن. ئوباھا ھاكىمىيىتى دەۋرىدە تېگىشلىك قەدەملەر تاشلانمىدى، بۇ تەشكىلاتنىڭ كىلىنتون ۋەقپىسى بىلەن ئالاقەسى بارلىقى بىلدۈرۈلمەكتە. بىراق دونالد ترامپ ھاكىمىيىتى دەۋرىدە فەتھۇللاھ گۈلەننىڭ قايتۇرۇپ بېرىلىش ئېھتىمالى بار،دەپ قارايمەن. ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش قىلمىشىنىڭ كەينىدە بولغان بىر كىشى زېمىنىمىزدا ياشىماقتا. تۈركىيە ناتو ئەزاسى بولۇپ، بىزنىڭ ئىستىراتېگىيەلىك ئىتتىپداقدېشىمىزدۇر. تۈركىيە دونالد ترامپ ھاكىمىيىتىدىن فەتھۇللاھ گۈلەننىڭ قايتۇرۇپ بېرىلىشىنى قايتا تەلەپ قىلىشى لازىم.»

ماللوچ  ترامپ بىلەن ئەردوغاننىڭ چىقىشىپ ئۆتەلەيدىغانلىقلىرىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتكەندىن كېيىن، ئەردوغان توغرۇلۇق مۇنۇلارنى دېدى: «ئىككى رەھبەر ئوتتۇرىسىدا مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ كېڭەش قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى. ئالدىمىزدىكى ئايلاردا ئۇلار ئۇچرىشىشى مۇمكىن، ئىككى شەخس ئوتتۇرىسىدا ئىقتىدار ۋە خاراكتېر جەھەتتىن ئوخشاشلىق بار.»

ئەردوغاننىڭمۇ تۈركىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانى بارلىقىنى، ئوخشاشلا ترامپنىڭمۇ ئامېرىكىنى تېخىمۇ قۇدرەتلىك قىلىش نىشانىنىڭ بارلىقىنى ئېيتقان ماللاچ، دونالد ترامپنىڭ نوقۇل سودا جەھەتتىلا ئەمەس، سىياسىي ۋە ھەربىي مەسىلىلەردىمۇ تۈركىيەنىڭ مۇھىملىقىنى ئوبدان چۈشىنىدىغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر