D ۋىتامىن زۇكام ۋە يۆتەلگە ئوخشاش كېسەللىكلەرنى %50 گىچە ئازايتالايدۇ

ئەنگلىيە تەتقىقاتچىلىرى D ۋىتامىننىڭ زۇكام ۋە يۆتەلگە ئوخشاش كېسەللىكلەرنى %50 گىچە ئازايتىشتا مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

675816
D ۋىتامىن زۇكام ۋە يۆتەلگە ئوخشاش كېسەللىكلەرنى %50 گىچە ئازايتالايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيە تەتقىقاتچىلىرى D ۋىتامىننىڭ بۇرۇن تارتىش، زۇكام ۋە يۆتەلگە گىرىپتار بولۇش خەتىرىنى %50 گىچە ئازايتالايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئەنگلىيەدە  D ۋىتامىننى بولكىلارغا قوشۇۋېتىش تالاش-تارتىش قىلىنىۋاتقان بىر پەيتتە، سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ راسخوتلىرىنىڭ مۇئەييەن دەرىجىدە ئازايتىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.

D ۋىتامىن قۇياش نۇرى ۋە بەزى ھايۋانلارنىڭ گۆشلىرىدە بار. سۆڭەكنىڭ تەرەققىياتىدا مۇھىم رول ئوينايدىغان D ۋىتامىن كەم بولسا يۈرەك كېسەللىكىدىن راككىچە، دىئابەتتىن قېرىلىق كېسەللىگىچە بولۇپ نۇرغۇن كېسەللىككە گىرىپتار بولۇش خەتىرى ئاشىدۇ.

ئەنگلىيە تەتقىقاتچىلىرى تەرىپىدىن 14 دۆلەتتە 11مىڭ كىشى ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتتا، D ۋىتامىن كەم بولغان كىشىلەردە ۋە بولمىغانلاردا نەپەس يېتىشمەسلىك كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇش نىسبەتلىرى تەكشۈرۈلدى.

ئەنگلىيەدىكى مىدېتسىنا ژۇرنىلى BMJ دىمۇ ئېلان قىلىنغان تەتقىقات نەتىجىلىرىگە مۇناسىۋەتلىك ماقالىدە، D ۋىتامىن كەم بولغانلىقىنى ئۈچۈن D ۋىتامىن تولۇقلىغانلارنىڭ بۇ كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى %50  ئازايىدىغانلىقى، D ۋىتامىن نورمال ئۆلچەملەرگە يېقىن بولغانلاردا بولسا، نەپەس يولى كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇش خەتىرى %10 ئازىيىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

بەزى مۇتەخەسىسلەر D ۋىتامىن تولۇقلاشنى زۇكام ۋاكسىنىسىگە قارىغاندا تېخىمۇ پايدىلىق بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

دۇنيادا ھەر يىلى ئۆپكە ياللۇغىغا ئوخشاش نەپەس يولى ياللۇغى كېسەللىكلىرى سەۋەبىدىن 2 يېرىم مىليون كىشى ھاياتىدىن ئايرىلماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر