ئەسەد قىسىملىرى دەپنە مۇراسىمىنى بومباردىمان قىلىپ 17 كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

سۈرىيەنىڭ ھارەستە ناھىيەسىدە ئەسەد قىسىملىرى دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلىۋاتقان بىر جاينى بومباردىمان قىلىپ نۇرغۇن كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

675359
ئەسەد قىسىملىرى دەپنە مۇراسىمىنى بومباردىمان قىلىپ 17 كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەدە ئەسەد قىسىملىرى دەمەشىقنىڭ شەرقىگە جايلاشقان ھارەستا ناھىيەسىدە دەپنە مۇراسمى ئۆتكۈزۈلىۋاتقان بىر جاينى بومباردىمان قىلىپ 17 كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى، 54 كىشىنى يارىلاندۇردى.

ھارەستا يەرلىك كوردىناتسىيە ئەزاسى مۇستافا تاۋال، ئەسەد قىسىملىرىنىڭ دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن جايغا «فىل»تىپلىق راكېتامىيوتلار بىلەن ھۇجۇم قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

مۇستافا تاۋال راكېتامىيوت ھۇجۇملىرى سەۋەبلىك خەلقنىڭ ئۆي-ماكانلىرى تاشلاپ كۆچۈپ كېتىشكە مەجبۇر بولغانلىقىنى، يارىلانغانلارنىڭ سۈرىيەدىكى كۆچمەن دوختۇرخانىلارغا ياتقۇزۇلۇپ داۋالىنىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر