ترامپ: ئامېرىكلىقلارغا قولىمىزدىن كېلىشىچە خىزمەت ئىمكانىيىتى يارىتىپ بېرىمىز

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپ ئامېرىكىلىقلارغا خىزمەت ئىمكانىيىتى يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن قوللىرىدىن كېلىشىچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

675150
ترامپ: ئامېرىكلىقلارغا قولىمىزدىن كېلىشىچە خىزمەت ئىمكانىيىتى يارىتىپ بېرىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ترامپ بوئىڭ شىركىتىنىڭ «787 Dreamliner » يېڭى ئايروپىلانىنى تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن شىركەتنىڭ جەنۇبىي كارولاينا ئىشتاتىدىكى مۇئەسسەسەسىنى زىيارەت قىلغاندا قىلغان سۆزىدە، «يېڭى ئايروپىلان مىسلىسىز سەنەت ئەسىرى ھېسابلىنىدۇ. ئامېرىكىدا ئامېرىكىلىقلار ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلارنىڭ ئىستېمال قىلىنىشىنى خالايمىز. بىزنىڭ شوئارىمىز: ئامېرىكىدا ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلارنى سېتىۋال، ئامېرىكىلىق ئىشچىلارنى ئىشلەتتۇر» دېدى.

ئۇ يەنە، ئامېرىكىنىڭ ئىمپورت قىلىنغان مەھسۇلاتلارنىڭ ئورنىغا يەرلىك ئىشلەپچىقىرىشقا ئەھمىيەت بېرىشى لازىملىقىنى، ئۆزىنىڭ پىرېزىدېنتلىققا سايلىنىشىدىن كېيىن ئامېرىكىغا قايتىش قارارى ئالغان شىركەتلەرنىڭ شۇنداق قارار قىلغانلىقىغا تولىمۇ سۆيىنىدىغانلىقىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر