ترامپ: رۇسىيە توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ھەممىسى يالغان

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئەمگەك مىنىستىرلىقىنىڭ يېڭى نامزاتلىقىغا ئالېكساندېر ئاكوستانى نامزات قىلىپ كۆرسەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

674626
ترامپ: رۇسىيە توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ھەممىسى يالغان

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ پەيشەنبە (16-فېۋرال) ئاقسارايدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ھۆكۈمەتنىڭ بىر ئايلىق خىزمىتىدىن دوكلات بەردى. ئۇ تاراتقۇلار ۋە ئۆكتىچىلەرنى ھۆكۈمەتنىڭ ئىشىغا توسقۇنلۇق قىلىش بىلەن ئەيىبلىدى. پىرېزىدېنتلىق ھوقۇقىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، تۇنجى قېتىم ئۆزى يالغۇز ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزگەن ترامپ، ئالېكساندېر ئاكوستانى ئەمگەك مىنىستىرلىقىنىڭ نامزاتلىقىغا كۆرسەتكەنلىكىنى جاكارلىدى.

ئۇ سايلام سەپەرۋەرلىك پائالىيەتلىرى قانات يايدۇرۇلغان مەزگىلدە بىرلىكتە خىزمەت قىلغان خادىملىرىنىڭ رۇسىيەنىڭ ئىستىخبارات ئورگانلىرى بىلەن مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقى توغرىسىدا تاراتقۇلاردا تارقالغان خەۋەرلەرنىڭ يالغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ ئۆزىنىڭمۇ رۇسىيە دائىرىلىرى بىلەن كۆرۈشمىگەنلىكىنى ۋە ھېچقانداق سودا كېلىشىمى تۈزمىگەنلىكىنى ئەسكەرتتى. ئۇ: «تاراتقۇلاردىكى يالغان خەۋەرلەر كونترول قىلغىلى بولمايدىغان دەرىجىگە يەتتى» دېدى.

ت ر ت ۋورلد قانىلىنىڭ مۇخبىرى جېنىفېر گلاس ۋاشىنگتوندا دونالد ترامپ ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى توغرسىدا مۇنداق مەلۇماتلارنى بەردى:

«دونالد ترامپ: <رۇسىيە ئىشىغا چېتىلغان خەۋەرلەردىكى ئۈچ كىشى بۇ ئەھۋاللارنى پۈتۈنلەي رەت قىلىدۇ. سىلەرگە بۇ ئەھۋاللارنى ئۆزەم چۈشەندۈرەي؛ رۇسىيەدە ھېچقانداق مال-مۈلكۈم يوق، ياكى ئالغان ھېچقانداق قەرزىم يوق، رۇسىيە بىلەن تۈزگەن سودا كېلىشىمىمۇ يوق. رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن سايلامدا غەلىبە قىلغانلىقىمنى تەبرىكلەپ، تېلېفون قىلدى. ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەي يەنە بىر قېتىم تېلېفون قىلدى ۋە رەسمىي خىزمەت باشلىغانلىقىمنى تەبرىكلىدى. باشقا بارلىق دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش قىلدى. مانا، رۇسىيەنىڭ قىلغانلىرى بۇنىڭدىن ئىبارەت. رۇسىيەگە مۇناسىۋەتلىك تارقالغان خەۋەرلەرنىڭ ھەممىسى يالغان، يەنى تاراتقۇلار توقۇپ چىقىپ، تارقاتقان يالغانلاردۇر.

مەن تېلېۋىزورنى ئاچقىنىمدا ۋە گېزىتلەرگە قارىغىنىمدا، كۆرىدىغىنىم، قالايمىقانچىلىقلار بايان قىلىنغان خەۋەرلەر. بىراق، ھەقىقىي ئەھۋال دەل ئەكسىچە، ھۆكۈمىتىمىز ناھايىتى ئىنچىكە تەڭشەلگەن ماشىنىغا ئوخشاش ئىشلەۋاتىدۇ> دېدى.»

مۇخبىر جېنىفېر گلاس يىغىن ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى:

«سىلەر كۆرگىنىڭلاردەك، ترامپنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى مۇنازىرە بىلەن ئۆتتى. قالايمىقانچىلىق ياكى ئىنچىكە تەڭشەلگەن ماشىنا بولسۇن، ياكى بولمىسۇن، ئىشنىڭ ئىككى نۇقتىسىدىكىلەرنىڭ مەسىلىگە قانداق قاراۋاتقانلىقىنى ناھايىتى ئېنىق كۆرۈۋالالايمىز. بۇلار بىزنى ئىشلارنىڭ قانداق بولۇۋاتقانلىقى توغرىسىدا پىكىرگە ئىگە قىلىدۇ. دونالد ترامپ ئاخبارات ئورگانلىرىنى رۇسىيەگە باغلاپ يالغان خەۋەرلەرنى تارقىتىش بىلەن ئەيىبلەپلا قالماستىن، بەلكى يەنە توغرا بولماسلىق ۋە كونترولدىن چىقىپ كېتىش بىلەنمۇ ئەيىبلىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئۇرۇشقاق مىجەزىنى نامايان قىلدى، كىشى ھەرقاچان ئەڭ ياخشى قىلالايدىغان ئىشىنى قىلىدۇ، ئۇ ئۆزىنى ئامېرىكا خەلقىگە يەنە بىر قېتىم كۆرسەتكەن بولدى. ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى 1 سائەت 15 مىنۇت داۋاملاشتى، ئەمما كىشىلەر يىغىننىڭ پۈتۈن جەريانىنى كۆرمەيدۇ، ئەلۋەتتە. خەلق پىرېزىدېنتىنىڭ ۋاشىنگتوندىكى ئەڭ ئىلغار ئاخبارات خادىملىرى دېيىلىۋاتقان كىشىلەرگە قوپال مۇئامىلە قىلغانلىقىنى كۆردى؛ مانا مۇشۇنچىلىك. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ترامپ خالغىننى قولغا كەلتۈرگەن بولدى. مۇخبىرلار پىرېزىدېنتتىن كونكرېت جاۋاب ئېلىشقا تىرىشتى، بىراق ئىنتايىن ئۈمىدسىزلەندى. چۈنكى پىرېزىدېنت ئۆزىنىڭ دېمەكچى بولغانلىرىغا دىققەتنى بۇراپ تۇردى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر