مىيۇنخېن بىخەتەرلىك يىغىنى ئەتە باشلىنىدۇ

1963 – يىلدىن بېرى ئىزچىل ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان يىغىنغا 60 قا يېقىن دۆلەتتىن تەخمىنەن 500 مېھمان ئىشتىراك قىلىدۇ.

674609
مىيۇنخېن بىخەتەرلىك يىغىنى ئەتە باشلىنىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەگە ۋەكالىتەن باش مىنىستىر يىلدىرىم ئىشتىراك قىلىدىغان يىغىنغا، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى فىكرى ئىشىقتىن سىرت يەنە، باشقا ئورۇنلارنىڭ مەسئۇللىرىمۇ قاتنىشىدۇ.

يىلدىرىمنىڭ يىغىن دائىرىسىدە ئامېرىكا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى مايك پېنس، گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل قاتارلىق رەھبەرلەر بىلەن كۆرۈشۈشى كۈتۈلمەكتە.

يىغىندا خەلقئارا بىخەتەرلىك ۋە دۆلەت مۇداپىئەسى مەسىلىلىرىدىن سىرت يەنە، تېررورىزمغا قارشى كۈرەش، سۈرىيەنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى، كۆچمەنلەر كىرىزىسى، ياۋروپا – ئاتلانتىك مۇناسىۋەتلىرى، رۇسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەر، ئۇكرائىنا كىرىزىسى، ناتو ۋە تور بىخەتەرلىكى قاتارلىق كۈندىلىك مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.

يىغىندا ئېلىنغان قارارلار ئىجرا قىلدۇرۇش كۈچىگە ئىگە ئەمەس بولۇپ، يىغىن جەريانىدا ئىشتىراكچىلار كۈندىلىك خەلقئارالىق مەسىلىلەر ھەققىدە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرىدۇ.

يىغىن مۇناسىۋىتى بىلەن مىيۇنخېندا بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى قاتتىق كۈچەيتىلدى. 4 مىڭ ساقچى ۋەزىپە ئۆتەيدىغان يىغىن ئاخىرلاشقانغا قەدەر مېھمانسارايلارنىڭ ئەتراپى قاتناشقا، ھاۋا تەۋەلىكى ئۇچۇشلارغا تاقىۋېتىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر