ئافرىقا دۆلىتى ئانگولادا فەتھۇللاھچىلارغا تەۋە بىر مەكتەپ تاقىۋېتىلىدۇ

ئافرىقا دۆلىتى ئانگولادا فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا تەۋە بىر مەكتەپ تاقىۋېتىلىدىغان بولدى.

673757
ئافرىقا دۆلىتى ئانگولادا فەتھۇللاھچىلارغا تەۋە بىر مەكتەپ تاقىۋېتىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جەنۇبىي ئافرىقا دۆلەتلىرىدىن ئانگولدا فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا تەۋە مەكتەپلەر تاقىۋېتىلىدۇ.

ئانگولا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا: « Colegio Esperanca Internacional نامى بىلەن ئانگولادا ئوقۇ-ئوقۇتۇش بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان فەتھۇللاھچىلارغا چېتىشلىق مەكتەپ، دۆلەتكە تەھدىت دەپ قارالغانلىقى ئۈچۈن تاقىۋېتىلىدۇ.»

باياناتتا ئانگولدا فەتھۇللاھچىلارغا تەۋە بىر مەكتەپنىڭ بارلىقى، بۇ مەكتەپتە 750 ئوقۇغۇچىنىڭ ئوقۇيدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

تۈركىيە مائارىپ ۋەقپىسى باشلىقى ۋەكىلى ئەلچى دوكتور ھەسەن ياۋۇز مۇنداق دېدى: «ئافرىقا  فەتھۇللاھچىلارنىڭ ھەققىي ئەپتى-بەشىرىسىنى چۈشىنىشكە باشلىدى. فەتھۇللاھچىلار تۈركىيە مائارىپ ۋەقپىسى تەرىپىدىن ئافرىقىدىكى مەكتەپلەر ئۆتكۈزۈلۈۋېلىنىشقا باشلانغانلىقى ئۈچۈن ئەندىشىگە  چۈشتى. فەتھۇللاھچىلار باشقا دۆلەتلەرگە قېچىپ بېرىپ سىياسىي پاناھلىق تىلەۋاتىدۇ. 15-ئىيۇلدىكى ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش قىلمىشى سەۋەبىدىن ئافرىقا دۆلەتلىرى فەتھۇللاھچىلارنى ئىچكى خەۋپ دەپ قاراشقا باشلىدى.»

ھەسەن ياۋۇز ئافرىقا ئىتتىپاقىنىڭ فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنى تېررورلۇق تەشكىلاتى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈشى لازىملىقىنى ئەسكەرتىپ يەنە مۇنداق دېدى: «بۇ ئىش ئۈچۈن ئافرىقا ئىتتىپاقى بىلەن ئالاقە ئىچىدە تۇرۇۋاتىمىز.»

فەتھۇللاھچىلارنىڭ تەھدىت، قاقتى-سوقتا، خىيانەتچىلىك، قارا پۇل  يۇيۇش ۋە ئالاھىدە ئىمتىياز ۋاستىلىرىنى ئىشلىتىپ مەۋجۇدلۇقىنى داۋاملاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ياۋۇز مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ھەر قانداق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن مەنپەئەت بىرلىكى بەرپا قىلىپ، تۈركىيەگە قارشى تەتۈر تەشۋىقات قىلماقتا. چەت دۆلەت ۋە ئىستىخبارات ئىدارلىرى بىلەن يوشۇرۇن ئالاقە ئورنىتىپ ئۇلارغا خىزمەت قىلىپ، ئۆزلىرى تۇرۇۋاتقان دۆلەتلەردە تەھدىت شەكىللەندۈرمەكتە، نۆۋەتتە ئۇلار مەۋجۇدلۇقىنى ساقلاپ قېلىشنىڭ كويىغا كىردى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر