ۋېنېزۇئېلا CNN  قانىلىنى تاقىدى

لاتىن ئامېرىكا دۆلىتى ۋېنېزۇئېلا ئامېرىكىنىڭ ئىسپان تىلىدا تارقىتىش بېرىدىغان CNN  قانىلىنى تاقىدى.

673908
ۋېنېزۇئېلا CNN  قانىلىنى تاقىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  كاراكاس ھۆكۈمىتى CNN  قانىلىنىڭ ۋېنېزۇئېلالىق دىپلوماتلارنىڭ تېررورىستلارغا پاسپورت ساتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەنلىكى سەۋەبىدىن تاقالغانلىقىنى بىلدۈردى.

CNN  قانىلى بولسا خەۋەرنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى، بىراق ھۆكۈمەتنىڭ بۇ قارارى ئارقىلىق ۋېنېزۇئېلالىقلارنىڭ ئۆزلىرى تارقاتقان خەۋەرلەرگە ئېرىشىشىگە توسالغۇ بولۇۋاتقانلىقىنى، بىراق قانالنىڭ YouTube  ۋە ئىنتېرنېت تور بېتى ئارقىلىق تارقىتىشلىرىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

CNN  تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى: «قانىلىمىزنىڭ ئىسپانچە بۆلۈمىنىڭ ئاخبارات ئەركىنلىكىنىڭ ساغلام بىر دېموكراتىيەدە مۇھىم رول ئوينىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر