بىرما ئارمىيەسى مۇسۇلمانلار زىچ ئولتۇراقلاشقان ئاراقاندىكى ھەربىي ھەرىكەتلىرىنى ئاخىرلاشتۇردى

بىرما ئارمىيەسى بۇلتۇر ئۆكتەبىردە مۇسۇلمانلار زىچ ئولتۇراقلاشقان ئاراقاندا قوزغىغان ھەربىي ھەرىكەتلىرىنى ئاخىرلاشتۇردى.

673928
بىرما ئارمىيەسى مۇسۇلمانلار زىچ ئولتۇراقلاشقان ئاراقاندىكى ھەربىي ھەرىكەتلىرىنى ئاخىرلاشتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرما ئارمىيەسىنىڭ بۇلتۇر ئۆكتەبىردە ئاراقان ۋىلايىتىدە چېگرا ساقچى پونكىتلىرىنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىشىدىن كېيىن قوزغىغان ھەربىي ھەرىكەتلىرى ئاخىرلاشتى.

بىرما پىرېزىدېنتى قوشۇمچە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاڭ سان سۇ جىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىك مەسلىھەتچىسى تاۋۇڭ تۇن تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، ئاراقاندا مۇقىملىق بەرپا بولغانلىقى ئۈچۈن ھەربىي ھەرىكەتلەرنىڭ ئاخىرلاشقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ياڭگون شەھىرىدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مەسئۇللىرى ۋە خەلقئارا دىپلوماتلار بىلەن ئۇچراشقان تاۋۇڭ تۇن مۇنداق دېدى: «دۆلەت ئارمىيەسىنىڭ ھەربىي ھەرىكەتلىرى ئاخىرلاشتى، كوچىغا چىقىشنى مەنئىي قىلىش پەرمانىمۇ بىكار قىلىندى، جەمئىيەت ئامانلىقىنى قوغداش ئۈچۈن ساقچىلار يېتىدۇ.»

ئاراقان ۋىلايىتىدە بۇلتۇر 9-ئۆكتەبىردە چېگرا ساقچى پونكىتلىرى  ھۇجۇمغا ئۇچرىغان بولۇپ، بۇ ھۇجۇملاردا 13ى خەۋپسىزلىك خادىمى بولۇپ جەمئىي 29 كىشى ئۆلدى. ئارقىدىن ھۇجۇملارغا چېتىشلىق 600 كىشى تۇتقۇن قىلىندى،  ھۇجۇملاردىن كېيىن بىرما ئارمىيەسى رايوندا ھەربىي ھەرىكەتلەر باشلىدى.

روخىڭگا ھەمكارلىق گۇرۇپپىلىرى ھەربىي ھەرىكەتلەر باشلىغاندىن بۇيان تەخمىنەن 400 ئاراقانلىق مۇسۇلماننىڭ ئۆلگەنلىكىنى، نۇرغۇن ئايالنىڭ باسقۇنچىلىققا ئۇچرىغانلىقىنى ۋە يېزىلارنىڭ خانىۋەيران بولغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر