ئىسپانىيەدە توسالغۇلارغا قارىماستىن، كاتالونىيەنىڭ مۇستەقىللىق سايلىمى ئۆتكۈزۈلمەچى

كاتالونىيە ئاپتونوم ھۆكۈمىتى، ئىسپانىيە دۆلەت ئاساسىي قانۇن مەھكىمىسىنىڭ قارارىغا پېسەنت قىلماستىن، مۇستەقىللىق سايلىمىنى ئۆتكۈزۈۋېرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

672950
ئىسپانىيەدە توسالغۇلارغا قارىماستىن، كاتالونىيەنىڭ مۇستەقىللىق سايلىمى ئۆتكۈزۈلمەچى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسپانىيەدە كاتالونىيەنىڭ مۇستەقىللىقىنى خەلقنىڭ رايىغا سۇنۇش مەسلىسىدە كىرىزىس يۈز بەردى.

كاتالونىيە ئاپتونوم ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ يىل كاتالونيانىڭ مۇستەقىللىقىنى خەلقنىڭ رايىغا سۇنۇش قارارىنى ئىسپانىيە دۆلەت ئاساسىي قانۇن مەھكىمىسى ئەمەلدىن قالدۇردى. ئەمەلدىن قالدۇرۇش قارارى، مەھكىمە ئەزالىرىنىڭ بىردەك قوللاپ ئاۋاز بېرىشى بىلەن ماقۇللاندى.

كاتالونىيە ئاپتونوم ھۆكۈمىتى بولسا، ئىسپانىيە دۆلەت ئاساسىي قانۇن مەھكىمىسىنىڭ قارارىغا پېسەنت قىلماستىن مۇستەقىللىق سايلىمىنى ئۆتكۈزۈۋېرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

كاتالونىيە ئاپتونوم ھۆكۈمىتى باياناتچىسى نۇس مۇنتە: «دۆلەت ئاساسىي قانۇن مەھكىمىسىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇش قارارى، كاتالونيا ئاپتونوم ھۆكۈمىتىنىڭ 2017 – يىلى مۇستەقىللىقىنى خەلقنىڭ رايىغا قويۇش ئارزۇسىنى قەتئىي ئۆزگەرتەلمەيدۇ. ھەرقانداق مەھكىمە بىر خەلقنىڭ مۇستەقىللىقىنى رايىغا قويۇش ھەرىكىتىنى توسۇپ قالىدىغان ياكى ئۆزگەرتىدىغان ھېچقانداق قارارنى بېرەلمەيدۇ» دېدى.

كاتالونىيە ئاپتونوم ھۆكۈمىتى دۆلەت ئاساسىي قانۇن مەھكىمىسىنىڭ مەنئى قىلىشىغا قارىماستىن، 2014–يىلى 9 - نويابىردىمۇ «قاتتنىشىش باسقۇچى» دېگەن نام بىلەن مۇستەقىللىق تەرەپدارى ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتى ئۆتكۈزگەن ئىدى. 

سايلامغا قاتناشقۇچىلارنىڭ نىسبىتى %37 ۋە ھېچقانداق قانۇنىي ئىناۋەتكە ئىگە بولمىغان شۇ قېتىمقى سايلامدا، مۇستەقىللىقنى قوللاپ بېلەت تاشلىغانلارنىڭ نىسبىتى %80 بولغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر