تەيۋەندە ناھايىتى ئېغىر قاتناش ۋەقەسى يۈز بەردى

تەيۋەندە ساياھەتچىلەر ئولتۇرغان بىر ئاپتوبۇس ئۆرۈلۈپ كېتىپ 33 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى.

672189
تەيۋەندە ناھايىتى ئېغىر قاتناش ۋەقەسى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «فوكۇس تەيۋەن» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، قازا تۈنۈگۈن ئارالنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان يىلان – نانگاڭ ناھىيەلىرىنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان تاش يولدا مەيدانغا كەلدى.

جەمئىي 44 يولۇچى ئولتۇرغان ئاپتوبۇسنىڭ تاش يولدا ئۆرۈلۈپ كېتىشى نەتىجىسىدە 33 ئادەم ئۆلدى، ئىككىسىنىڭ ئەھۋالى ئېغىر جەمئىي 11 ئادەم يارىلاندى.

بىر ساياھەت شىركىتىگە تەۋە ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن ئاپتوبۇسنىڭ تېلېكامېراسىدىكى كۆرۈنۈشلەر، شوپۇرنىڭ ۋۇلىڭ يېزا – ئىگىلىك مەيدانىدىن قايتىش يولىدا كونتروللۇقىنى يوقىتىپ قويۇشى نەتىجىسىدە ئاپتوبۇسنىڭ ئۆرۈلۈپ كەتكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر