دونالد ترامپنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىك مەسلىھەتچىسى رۇسىيە سەۋەبىدىن ئىستىپا بەردى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىك مەسلىھەتچىسى مايكېل فىلاييىن رۇسىيە سەۋەبىدىن ئىستىپا بەردى.

671681
دونالد ترامپنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىك مەسلىھەتچىسى رۇسىيە سەۋەبىدىن ئىستىپا بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا ئاقساراي دۆلەت خەۋپسىزلىك مەسلىھەتچىسى مايكېل فىلاييىن ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەردى.

مايكېل فىلاييىن دونالد ترامپنىڭ 20-يانۋاردىكى قەسەم بېرىپ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋېلىش مۇراسىمىدىن ئىلگىرى، رۇسىيەنىڭ ۋاشىنگتىوندا تۇرۇشلۇق ئەلچىسى سېرگېي ئىۋانوۋىچ كىسلياك بىلەن ئامېرىكىنىڭ رۇسىيەگە يۈرگۈزگەن ئېمبارگولار توغرۇلۇق سۆھبەت ئۆتكۈزگەنلىكى كۈنتەرتىپكە كەلگەنىدى.

ئاقساراي باياناتچىسى سېن سىپايسېر مەسلىھەتچى مايكېل فىلاييىن ئۈستىدە كېڭەش ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى ئېيتقانىدى.

پىرېزىدېنت دونالد ترامپ مەسلىھەتچى مايكېل فىلاييىنغا ئىشىنىدىغانلىقىنى ئېيتقان بولسىمۇ، مايكېل فىلاييىن يەنىلا ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەردى.

مايكېل فىلاييىننىڭ ئورنىغا دۆلەت خەۋپسىزلىك كېڭىشى باش سېكرىتارى پىنسىيەگە چىققان گېنېرال كېيس كېللوگ تەيىنلەندى.

ئامېرىكا تاراتقۇلىرىدا ئېلان قىلىنغان خەۋەرلەردە، مايكېل فىلاييىننىڭ ئىستىپانامىسىدە مۇنۇ ئىبارىلەرگە ئورۇن ئاجرىتىلدى: «رۇس ئەلچىسى بىلەن ئۆتكۈزگەن تېلېفون سۆھبىتىم توغرۇلۇق پىرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ مۇئاۋىنى ۋە باشقا مەسئۇللارغا تولۇق مەلۇمات بەرمىدىم. پىرېزىدېنت ۋە مۇئاۋىن پىرېزىدېنتتىن كەچۈرۈم سورىدۇم ۋە ئۇلارمۇ ئۆزرەمنى قوبۇل قىلىشتى. ۋەزىپەمدىن ئىستىپا بەردىم، بۇنداق شەرەپلىك ئورۇندا دۆلىتىمگە ۋە ئامېرىكا خەلقىگە خىزمەت قىلىشتىن پەخىرلىك ھېس قىلىمەن. پىرېزىدېنت دونالد ترامپ،  مۇئاۋىن پىرېزىدېنت مايىك پېنس  ۋە سادىق سەبداشلىرى بىلەن بۇ ھاكىمىيەت ئامېرىكا تارىخىدا ئەڭ كۈچلۈك ھاكىمىيەت سۈپىتىدە خاتىرىلىنىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر