ب د ت شىمالىي كورېيەنى ئەيىبلىدى

ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى، شىمالىي كورېيەنىڭ باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلىشىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

671854
ب د ت شىمالىي كورېيەنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، ياپونىيە ۋە جەنۇبىي كورېيەنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن يىغىن چاقىرغان خەۋپسىزلىك كېڭىشى، ب د ت  مۇئاۋىن باش كاتىپلىرىدىن مىرئوسلاۋ جەنكانىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سالدى. يىغىندا، شىمالىي كورېيەنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلىشى بىردەك ئەيىبلەندى.

ئەيىبلەش قارارىدا، باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلىشنىڭ ب د ت  خەۋپسىزلىك كېڭىشى قارارلىرىغا ئوچۇق – ئاشكارا خىلاپلىق قىلىش بولىدىغانلىقى تەكىتلەندى ۋە كېڭەشنىڭ تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ تەدبىرلەرنى يولغا قويۇش مۇمكىنچىلىكىنىڭ بارلىقى ئەسكەرتىلدى.

شىمالىي كورېيە رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى، ئۆتكەن يەكشەنبە كۈنى قىلىنغان باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىنىڭ غەلىبىلىك بولغانلىقىنى خەۋەر قىلغانىدى.

ب د ت  خەۋپسىزلىك كېڭىشى، 2006 – يىلىدىن بۇيان شىمالىي كورېيەگە بەزى ئېمبارگولارنى يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان بولۇپ، بۇ دائىرىدە يارو پائالىيەتلىرى يۈزىسىدىن شىمالىي كورېيەنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلىشىنى مەنئىي قىلغانىدى.

تۈركىيەمۇ پىيوڭياڭ دائىرىلىرىنى بومبا سىناق قىلغانلىقى ئۈچۈن ئەيىبلىگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر