كالىفورنىيەدە بىر سۇ ئامبىرى سەۋەبىدىن يەرلىك خەلق كۆچۈشكە مەجبۇر بولدى

ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە ئىشتاتىدىكى بىر سۇ ئامبىرىدا تۆشۈك پەيدا بولۇپ قالغانلىقى سەۋەبىدىن يەرلىك خەلق كۆچۈپ كېتىشكە مەجبۇر بولدى.

670792
كالىفورنىيەدە بىر سۇ ئامبىرى سەۋەبىدىن يەرلىك خەلق كۆچۈشكە مەجبۇر بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ كالىفورنىيە ئىشتاتىدىكى ئوروۋىللې سۇ ئامبىرىدا تۆشۈك پەيدا بولۇپ قالغانلىقى سەۋەبىدىن مىڭلارچە كىشى تارقاقلاشتۇرۇلدى.

يېقىنقى كۈنلەردە مەيدانغا كەلگەن شىددەتلىك ھۆل-يېغىنلار ئوروۋىللې سۇ ئامبىرىدىكى سۇ سەۋىيەسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشىگە سەۋەب بولدى.

سۇ سەۋىيەسىنى تۆۋەنلىتىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتكەن خادىملار، سۇ ئامبىرىدا تۆشۈك پەيدا بولۇپ قالغانلىقىنى بايقىدى.

ئالاقىدار مەسئۇللار تۆشۈكنىڭ چوڭىيىپ كېتىشى ۋە كەلكۈن كېلىپ چىقىش خەتىرى سەۋەبىدىن، تەخمىنەن 16مىڭ نوپۇسلۇق ئوروۋىللې ناھىيەسى ۋە ئەتراپىدىكى تۇرالغۇ جايلاردا ياشاۋاتقانلارنى رايوندىن ئايرىلىشقا چاقىردى.

تارقاقلاشتۇرۇش قارارىدىن كېيىن مىڭلارچە كىشى ئاپتوموبىللىرى بىلەن رايوندىن ئايرىلىپ چىقىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتتى، يوللاردا ئۇزۇن ئۆچرەت شەكىللەندى.

ئالاقىدار مەسئۇللار سۇ ئامبىرىنىڭ نۆۋەتتىكى ئومۇمىي ئەھۋالىنىڭ نورمال ئىكەنلىكىنى، بىراق سۇ ئامبىرىدا پەيدا بولغان تۆشۈك سەۋەبىدىن يەرلىك خەلقنى تارقاقلاشتۇرۇشنىڭ زۆرۈر بولۇپ قالغانلىقىنى، مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن خىزمەت ئىشىلىنىۋاتقانلىقىنى ئۇقتۇردى.

لوس ئانجېلېس ۋاقىت گېزىتى سۇ ئامبىرىدا كېلىپ چىققان كاشىلىنى ئوڭشاش ئۈچۈن تەخمىنەن 200 مىليون دوللار سەرپ قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

كالىفورنىيە ۋالىي مەھكىمىسى 1968-يىلى سېلىنغان ئوروۋىللې سۇ ئامبىرى ئارقىلىق ھەم تېرىلغۇ يەرلىرى ھەمدە تۇرالغۇ يەرلەرنى سۇ بىلەن تەمىنلىمەكتە.

بىلدۈرۈلۈشىچە، سۇ ئامبىرىدىكى سۇ سەۋىيەسى شىددەتلىك ھۆل-يېغىنلاردىن كېيىن تۇنجى قېتىم بۇنچىلىك يۇقىرى سەۋىيەدە ئۆرلىگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر