دائېش 10 بومبا ئاپتوموبىل بىلەن ھاشدى شابى قىسىملىرىغا ھۇجۇم قىلدى

دائېش مۇسۇل ھەرىكىتى باشلانغاندىن بۇيان ئېغىر تىپلىق قوراللار ۋە ئاپتوموبىل بومبىلار بىلەن تۇنجى قېتىم بۇ قەدەر كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇمنى ئىشقا ئاشۇرغان بولدى.

671093
دائېش 10 بومبا ئاپتوموبىل بىلەن ھاشدى شابى قىسىملىرىغا ھۇجۇم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراقنىڭ مۇسۇل شەھىرىگە قاراشلىق تەلافەر ناھىيەسىدە تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ 10ئاپتوموبىل بومبا بىلەن بىرلا ۋاقىتتا شىئە ھاشدى شابى تەشكىلاتىغا قىلغان ھۇجۇمىدا، نۇرغۇن كىشى ئۆلدى ۋە يارىدار بولدى.

تەلافەر ۋە ئەتراپىدىكى بېج ۋە بىلەج رايونلىرىدا ئېلىپ بېرىلغان ھۇجۇمدىن كېيىن، تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش بىلەن ھاشدى شابى مىلىتانلىرى ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى.

دائېش مۇسۇل ھەرىكىتى باشلانغاندىن بۇيان ئېغىر تىپلىق قوراللار ۋە ئاپتوموبىل بومبىلار بىلەن تۇنجى قېتىم بۇ قەدەر چوڭ ھۇجۇم ئېلىپ بارغان بولدى.

يېقىنكى كۈنلەردىن بۇيان تەلافەر ئەتراپىغا مەركەزلەشكەن توقۇنۇشلاردا مۇسۇل بىلەن سۈرىيەنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش رولىنى ئويناۋاتقان تەلافەر ۋە راققە يولىنى ئېچىش نىشان قىلىنماقتا.

تەلافەر 2014–يىلى 16–ئىيۇندا دائېشنىڭ كونتروللۇقىغا ئۆتكەن بولۇپ، 2016 – يىلى نويابىردا مۇسۇل–راققە يولىنىڭ كونتروللۇقىنى شىئە ھاشدى شابى تەشكىلاتى تارتىۋالغان ئىدى.

مۇسۇلنى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىدىن تازىلاش ئۈچۈن ئىراق ئارمىيەسى، پەشمەرگە قىسىملىرى ۋە ئاساسلىق كۆپ قىسمى باشىكا لاگېرىدا تۈركىيە ئارمىيەسى تەرىپىدىن يېتىشتۈرۈلگەن نىنوۋا مۇجاھىتلىرى 17 – ئۆكتەبىردە ھەربىي ھەرىكەت باشلىغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر