شىمالىي كورېيەنىڭ يەنە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلىشى قاتتىق نارازىلىق پەيدا قىلدى

ياپونىيە، ئامېرىكا ۋە جەنۇبىي كورېيە شىمالىي كورېيەنىڭ يەنە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلىشىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرۈشتى.

670467
شىمالىي كورېيەنىڭ يەنە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلىشى قاتتىق نارازىلىق پەيدا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي كورېيە يەنە باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلدى.

جەنۇبىي كورېيەدىن سىرت ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن ياپونىيەمۇ شىمالىي كورېيەنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلىشىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرۈشتى.

جەنۇبىي كورېيە ئارمىيە باش قوماندانلىق ئىشتابى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، شىمالىي كورېيەنىڭ غەربىدىن قويۇپ بېرىلگەن باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ 500 كىلومېتىر مۇساپە باسقاندىن كېيىن دېڭىزغا چۈشۈپ كەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

جەنۇبىي كورېيە شىمالىي كورېيەنىڭ بۇ قېتىمقى باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ھاكىمىيىتىگە قارشى دۇئېل ئېلان قىلىش بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

جەنۇبىي كورېيە پىرېزىدېنت ۋەكىلى ۋە باش مىنىستىر خاۋاڭ كىيو-ئان پىيوڭياڭ ھاكىمىيىتىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلىشىغا چوقۇم جاۋاب قايتۇرۇلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ياپونىيە ھۆكۈمىتى شىمالىي كورېيە سىناق قىلغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ ياپون دېڭىز تەۋەلىكىگە يېتىپ بارالمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئاقساراي ۋە پېنتاگون تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، شىمالىي كورېيەنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلىش قىلمىشىنىڭ يېقىندىن كۆزىتىلىپ كېلىنىۋاتقانلىقى قەيت قىلىندى.

ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىقىمۇ شىمالىي كورېيەنىڭ سىناق قىلغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنىڭ قىتئەلەرئارا ئالاھىدىلىكىگە ئىگە ئەمەسلىكىنى ئۇقتۇردى.

شىمالىي كورېيەنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى، ياپونىيە باش مىنىستىرى شىنزو ئابېنىڭ ۋاشىنگىتون زىيارىتى ئەسناسىدا سىناق قىلىشىغا قارىتا، پىرېزىدېنت دونالد ترامپ بىلەن ئابې ئورتاق بايانات ئېلان قىلدى.

ئابې شىمالىي كورېيەنىڭ بۇ قىلمىشىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى.

شىمالىي كورېيەنى ئەيىبلىگەن دونالد ترامپمۇ ياپونىيەنىڭ ھەر ۋاقىت يېنىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر