يىلدىرىم مىيۇنخېن يىغىنىغا قاتنىشىدۇ

باش مىنىستىر يىلدىرىم كېلەر ھەپتە گېرمانىيەنىڭ مىيۇنخېن شەھىرىدە چاقىرىلىدىغان بىخەتەرلىك يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىدۇ.

670345
يىلدىرىم مىيۇنخېن يىغىنىغا قاتنىشىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يىغىن جەريانىدا ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن بىر يەرگە جەم بولىدىغان يىلدىرىم، ئامېرىكا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى مايك پېنس بىلەنمۇ كۆرۈشىدۇ.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئانتاليادا باش مىنىستىر يىلدىرىمنىڭ 17 – 19 – فېۋرال كۈنلىرى مىيۇنخېندا چاقىرىلىدىغان يىغىنغا قاتنىشىدىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭمۇ يىلدىرىمغا ھەمراھ بولىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر