ترامپ ئەرەب رەھبەرلەر بىلەن ئىران ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ باردى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپ ئىراق باش مىنىستىرى ھەيدەر ئەلئىبادى، قاتار ئەمىرى شەيخ تەمىم بىن ھاماد ئەلسانى ۋە كۇۋەيت ئەمىرى شەيخ ساباھ ئەسساباھ ئەھمەد ئەلجابىر بىلەن ئىران ھەققىدە تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردى.

670347
ترامپ ئەرەب رەھبەرلەر بىلەن ئىران ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ باردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاق ساراي تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ترامپنىڭ ئىبادى بىلەن ئېلىپ بارغان تېلېفون سۆھبىتىدە، تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى كۈرەشتە ئىراق خەلقىنىڭ يېنىدا ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەنلىكى، مۇسۇلدا دائېشقا قارشى قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەتلىرى تۈپەيلى ئىراق ئارمىيەسىنى تەبرىكلىگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ترامپنىڭ تىرىشچانلىقلىرى تۈپەيلى ئىبادىغا رەھمەت ئېيتقانلىقى، دائېشقا قارشى كۈرەش جەريانىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان ئىراق ئەسكەرلىرى ئۈچۈن تەزىيە بىلدۈرگەنلىكى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: «ئىككى رەھبەر ئىراننىڭ رايونغا سېلىۋاتقان تەھدىتى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ باردى. ئامېرىكا – ئىراق ئوتتۇرىسىدا ئۇزاق مەزگىللىك ھەمكارلىق ئورنىتىش ۋە ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ئىستىراتېگىيەلىك رامكا كېلىشىمىگە ئىزچىل رىئايە قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەشتى.»

ترامپنىڭ قاتار ئەمىرى بىلەن ئېلىپ بارغان تېلېفون ئۇچرىشىشىدا، ئامېرىكا – قاتار ئوتتۇرىسىدا مۇداپىئە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشنىڭ زۆرۈرلۈكى تەكىتلەنگەنلىكى قەيت قىلىنغان باياناتتا، ئۇچرىشىشتا، سۈرىيەدىكى ئۆزگىرىشلەرنىڭمۇ كۈنتەرتىپكە كەلگەنلىكى ئەسكەرتىلىپ مۇنداق دېيىلدى: «ئىككى رەھبەر دائېشنى يېڭىش، سىياسىي ئۆتكۈنچى باسقۇچنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاش ئۈچۈن زېمىن ھازىرلاش مەسىلىلىرىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلدى ھەمدە ئىقتىساد ۋە سېلىنما مەسىلىلىرىدە ھەمكارلىق ئورنىتىش ۋە تېررورىزمنى قوللاۋاتقان ئېقىملارغا تاقابىل تۇرۇش مەسىلىسىدە داۋاملىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئىرادىلىرىنىڭ قەتئىيلىكىنى تەكىتلىدى.»

كۇۋەيت ئەمىرى بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشىدا، ترامپنىڭ ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنى كۇۋەيتتە مېھمان قىلغانلىقى ئۈچۈن كۇۋەيت ئەمىرىگە رەھمەت ئېيتقانلىقى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا،  مۇنداق دېيىلدى: «ئىككى رەھبەر تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى كۈرەشتە ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىش مەسىلىسىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلدى ھەمدە ئىراننىڭ رايوندىكى يامان نىيەتلىك پائالىيەتلىرىنى توختىتىش مىخانىزمى تۇرغۇزۇش توغرۇلۇق ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇردى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر