ئامېرىكىدا 3 مىڭغا يېقىن ئايروپىلان سەپىرى بىكار قىلىندى

ئامېرىكىدا ھاۋا شارائىتىنىڭ ناچارلىقى تۈپەيلى 3 مىڭغا يېقىن ئايروپىلان سەپىرى بىكار قىلىندى.

669564
ئامېرىكىدا 3 مىڭغا يېقىن ئايروپىلان سەپىرى بىكار قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ شەرقىي شىمالىدا يۈز بەرگەن قار ۋە بوران - چاپقۇن ئاپىتى نىيۇ يورك، كېنېتىكېت، رود ئايلېند ۋە نىيۇ جىزى قاتارلىق كۆپلىگەن ئولتۇراق رايونلىرىدا ياشاۋاتقان 50 مىليون كىشىگە سەلبىي تەسىر كۆرسەتتى.

قار ۋە بوران - چاپقۇن ئاپىتى سەۋەبىدىن كۆپلىگەن شەھەرلەردىكى مەكتەپلەر تاقالدى. دۆلەتلىك تاش يوللاردا نۇرغۇن قاتناش ھادىسىسى يۈز بەردى، 3 مىڭغا يېقىن ئايروپىلان سەپىرى بىكار قىلىندى.

ھاۋا شارائىتىنىڭ ناچارلىقى تۈپەيلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نىيۇ يوركتىكى باش ئورگىنىمۇ پائالىيەتلىرىنى توختاتتى.

دۆلەتلىك تاش يوللاردا قار تازىلاش پائالىيەتلىرى ئىزچىل داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، دائىرىلەر پۇقرالارنى ئاپتوموبىللىرى بىلەن سىرتقا چىقماسلىق توغرۇلۇق ئاگاھلاندۇرماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر