باش مىنىستىر يىلدىرىم بىلەن ئامېرىكا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى تېلېفوندا كۆرۈشتى

باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم بىلەن ئامېرىكا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى مايك پېنسنىڭ تېلېفوندىكى كۆرۈشۈشىنىڭ سەمىمىي شەكىلدە ئەمەلگە ئاشقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

669382
باش مىنىستىر يىلدىرىم بىلەن ئامېرىكا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى تېلېفوندا كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈنۈگۈن (9-فېۋرال) دۆلىتىمىز باش مىنىستىرى بىنالى يىلدىرىم بىلەن ئامېرىكا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى مايك پېنس تېلېفوندا ئىنتايىن سەمىمىي ھالدا كۆرۈشتى. كۆرۈشۈشتە، ھەربىي، خەۋپسىزلىك، تېررورلۇققا قارشى كۈرەش قاتارلىق ساھەلەر بويىچە ئىتتىپاقداشلىق ۋە شېرىكلىكنى ئاساس قىلغان ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرى مۇزاكىرە قىلىندى.

 خەۋەرلەردە كۆرسىتىلىشىچە، كۆرۈشۈشتە، كېيىنكى مەزگىلدە ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ۋە خاتا چۈشىنىشلەرنى تۈگىتىش مەسىلىسىدە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلىنغان. ئامېرىكا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى مايك پېنس تۈركىيە-ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرى ئۈچۈن «يېڭى بىر كۈن» دېگەن. ئۇ سۈرىيەنىڭ ئەلباب ناھىيەسىدە شېھىت بولغان تۈركىيە ئەسكەرلىرى ئۈچۈن تەزىيە ۋە تىلەكلىرىنى يەتكۈزۈپ، تېررورلۇققا قارشى كۈرەشتە تۈركىيەنى قوللايدىغانلىقلىرىنى تەكىتلىگەن.

باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم مايك پېنسنىڭ تەزىيەلىرى ئۈچۈن تەشەككۈر ئېيتىپ، ئۇنى مۇئاۋىن پىرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىگە تەيىنلەنگەنلىكى ۋەسىلىسى بىلەن تەبرىكلىگەن. بىنالى يىلدىرىم تۈركىيەنىڭ بەزى رايونلۇق مەسىلىلەردىكى مەيدانى، ئامېرىكا يېڭى ھۆكۈمىتى بىلەن يېقىن ھەمكارلىق مۇناسىۋەتلىرى ئىچىدە خىزمەت قىلىش ئارزۇسى ۋە ئىرادىسىنى تىلغا ئالغان.     



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر