رۇسىيە گېرمانىيەدىكى سايلامغا ئارىلاشماقچىمۇ؟

گېرمانىيە ئىستىخبارات ئىدارىسى رۇسىيەنىڭ 2017-يىلى ئۆتكۈزۈلىدىغان پارلامېنت سايلىمىدىن بۇرۇن تارقىتىدىغان يالغان خەۋەرلەر ھەققىدە تەكشۈرۈش باشلىدى.

667801
رۇسىيە گېرمانىيەدىكى سايلامغا ئارىلاشماقچىمۇ؟

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيە ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ مۇشۇ يىل (2017) ئىچىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان پارلامېنت سايلىمىدىن بۇرۇن رۇسىيە تەرىپىدىن تارقىتىلىدىغان يالغان خەۋەرلەر ھەققىدە تەكشۈرۈش باشلىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

گېرمانىيەدە چىقىدىغان زېيتۇڭ گېزىتىنىڭ بىر خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، گېرمانىيە ئىستىخبارات ئورگانلىرى ھازىرغىچە ھۆكۈمەتكە قارشى ئېنىق دەلىللەرنى تاپالمىغان بولسىمۇ، «خەتەر يوق» دەپ بايانات ئېلان قىلمىغان.

گېزىتنىڭ خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، رۇسىيە گېرمانىيەگە قارشى دۈشمەنلەرچە مۇئامىلە قىلغان ۋە بۇ مەسىلىدە پۇتىن تەرەپدارى تاراتقۇلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن.

زېيتۇڭ گېزىتى، شىمالىي گېرمانىيە رادىيوسى (NDR)، غەربىي گېرمانىيە رادىيوسى (WDR)، گېرمانىيە فېدېراتسىيە ئىستىخبارات ئىدارىسى (BND) ۋە ئاساسىي قانۇن قوغداش تەشكىلاتى (BfV) بىر يىلدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان تەكشۈرۈشلەرنىڭ نەتىجىسىنى ئېلان قىلغان.

تەكشۈرۈش دوكلاتىدا، رۇسىيەنىڭ 2014-يىلدىن بۇيان گېرمانىيەگە قارشى «ئۇرۇشخۇمار» پوزىتسىيە تۇتۇپ كەلگەنلىكى، رۇسىيە تاراتقۇلىرى ۋە ئۇلارنىڭ نېمىس تىلىدىكى قولچۇماقچىلىرى بولغان «Sputnik News»، «Russia Today» قاتارلىق تاراتقۇلارنىڭ «دۈشمەنلەرچە» پوزىتسىيە نامايان قىلغانلىقى قەيت قىلىندى.

دوكلاتتا، بۇ تاراتقۇ مەسئۇللىرىنىڭ بىۋاستە كرېمىلدىكى ھاكىمىيەتكە، ئوچۇقىنى ئېيتقاندا، پۇتىنغا يېقىن كىشىلەر ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر