پاكىستان ئافغان مۇساپىرلارغا دائىر قارارىنى ئېلان قىلدى

ئىسلامئاباد، پاكىستاندا رەسمىي تىزىمغا ئېلىنغان 1 يېرىم مىليون ئافغانىستانلىق مۇساپىرنىڭ دۆلەتتىن چىقىپ كېتىشى ئۈچۈن بەرگەن مۆھلەتنى مۇشۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە ئۇزارتتى.

668001
پاكىستان ئافغان مۇساپىرلارغا دائىر قارارىنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستان ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى مىنىستىرى مەريەم ئورانگزېپ بايانات بېرىپ، ئافغانىستانلىق مۇساپىرلارغا بېرىلگەن مۆھلەتنى دېكابىر ئېيىنىڭ ئاخىرىغىچە ئۇزارتىشنىڭ قارار قىلىنغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئورانگزېپ، چېگرا رايونىدا ئافغانىستاندىن پاكىستانغا ئۆتۈشنى كونترول قىلىش مەقسىتىدە يېڭى بىر ۋىزا تۈزۈمىنىڭ يولغا قويۇلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

تۇنجى تۈركۈم ئافغان مۇساپىرلار، 1980 – يىللارنىڭ باشلىرىدا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئافغانىستاننى ئىشغال قىلىشىدىن كېيىن پاكىستانغا كەلگەنىدى. 1990 – يىللاردىكى ئىچكى ئۇرۇش مەزگىلىدىمۇ ئافغانىستانلىقلار توپ – توپ ھالەتتە پاكىستانغا قاچقانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر