فىرانسىيەدە توك ئۈزۈلۈپ قالدى
فىرانسىيەنىڭ غەربىي جەنۇبىدا ئۆتكەن ھەپتىنىڭ ئاخىرلىرىدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان ماركېل ناملىق بوران - چاپقۇن سەۋەبىدىن 37 مىڭ ئائىلىدە توك ئۈزۈلۈپ قالدى.
667024
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بوران - چاپقۇن بولۇپمۇ ھېراۋلت ۋە ئاندوررې رايونلىرىغا تەسىر كۆرسەتتى.
بوران - چاپقۇن سەۋەبىدىن ئۆتكەن ھەپتىنىڭ ئەخىرلىرى بەزى دۆلەتلىك تاش يوللارنى ئىشلەتمەسلىك توغرۇلۇق ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلگەنىدى.
سۈرئىتى سائىتىگە 200 كىلومېتىرغا يەتكەن بوران - چاپقۇن ئۈچۈن بېرىلگەن قىزىل ئاگاھلاندۇرۇش سېرىق ئاگاھلاندۇرۇشقا چۈشۈرۈلگەنىدى.