ئىراق: ئامېرىكا ئىشغالىدىن بۇيان 600 مىڭ بالا يېتىم قالدى

ئىراق پىلان مىنىستىرلىقىنىڭ تەكشۈرۈشىگە قارىغاندا، ئامېرىكىنىڭ 2003 – يىلىدىكى ئىشغالىدىن كېيىن مەيدانغا كەلگەن زوراۋانلىق ۋەقەلىرى تۈپەيلى 600 مىڭ كىچىك بالا يېتىم قالدى.

666345
ئىراق: ئامېرىكا ئىشغالىدىن بۇيان 600 مىڭ بالا يېتىم قالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق پىلان مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ئابدۇززەھرا ھىنداۋى، «ئىراقتا 2003 – يىلى بىلەن 2015 – يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە بولغان جەريانغا ئالاقىدار تەكشۈرۈشىمىزگە قارىغاندا، ھەر خىل زوراۋانلىق ۋەقەلىرى تۈپەيلى 600 مىڭ بالا يېتىم قالدى» دېدى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، بۇ ئىستاتىسكىتىنىڭ 2014 – يىلى دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىۋېلىنغان سالاھۇددىن، ئەنبار ۋە مۇسۇل شەھەرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

باياناتچى ھىنداۋى سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، مۇسۇل پۈتۈنلەي دائېشتىن قۇتۇلدۇرۇلغاندىن كېيىن بۇ شەھەردىكى يېتىملەرنىڭمۇ ئېنىقلاپ چىقىلىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر