ناتو ئىراقتا ھەربىي بازا قۇرىدۇ

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى – ناتو، دائېشقا قارشى ئىراق ئەسكەرلىرىنى تەربىيەلەش مەقسىتىدە ئىراقتا بازا قۇرۇشنى قارار قىلدى.

666078
ناتو ئىراقتا ھەربىي بازا قۇرىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراقتا قۇرۇلىدىغان بازىغا ئوخشاش بولمىغان دۆلەتلەردىن بارىدىغان مەشىق ھەربىي مەشىق قىلدۇرغۇچىلار، ئىراق ئەسكەرلىرىگە يەرلىك ئۇسۇلدا ياسالغان پارتلاتقۇچلارنى چۇۋۇشتا قانداق ئىشلارغا دىققەت قىلىنىشى كېرەكلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ.

ئىراق ئەسكەرلىرىنىڭ دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى كۈرەشتە تېخىمۇ پائال ئىلگىرىلىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش نىشان قىلىنغان مەزكۇر پىلان، ناتو تىنچلىق ۋە خەۋپسىزلىك ئۈچۈن ئىلىم – پەن پىلانىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.

ئىسپانىيە ئارمىيەسىدە ۋەزىپە ئۆتەيدىغان پولكوۋنىك جۇان ئېنرىك گومېز مارتىن، ۋەزىپىلىرىنىڭ پارتلاتقۇچلارغا قارشى كۈرەش بويىچە ناتونى قوللاش ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ھالدا، «يەرلىك ئۇسۇلدا ياسالغان پارتلاتقۇچلار، چىقىمى ئەرزان قوراللاردۇر. ئۇلارغا ئېرىشىش ناھايىتى ئاسان بولۇپ، تەسىرى ناھايىتى كۈچلۈكتۇر. ۋەھىمە پەيدا قىلىش ۋە تېررورلۇقنى ئۇلغايتىش بىلەن بىرلىكتە كىشىلەرنىڭ ئۆلۈمىنىمۇ كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ پارتلاتقۇچلارغا قارشى كۈرەش قىلىشقا مەجبۇرمىز ۋە بۇ بىزنىڭ مەركىزىمىزنىڭ ۋەزىپىسى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر