ب د ت: ئافغانىستاندىكى ۋەقەلەردە ئۆلگەن پۇقرالار سانى رېكورت دەرىجىگە يەتتى

ب د ت ئافغانىستانغا ياردەم قىلىش كومىتېتى، ئۆتكەن يىلى ئافغانىستاندا 3498 پۇقرانىڭ ئۆلگەنلىكىنى، 7920 پۇقرانىڭ يارىلانغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

666351
ب د ت: ئافغانىستاندىكى ۋەقەلەردە ئۆلگەن پۇقرالار سانى رېكورت دەرىجىگە يەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت  ئافغانىستانغا ياردەم قىلىش كومىتېتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كىچىك بالىلارنىڭ ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتىمۇ بىر ئالدىنقى يىلغا سېلىشتۇرغاندا %25 ئېشىپ كەتكەن بولۇپ، 2016 – يىلى ئافغانىستاندا 923 بالا ھاياتىدىن ئايرىلدى.

ب د ت  ئافغانىستانغا ياردەم قىلىش كومىتېتىنىڭ ئافغانىستانغا ئالاقىدار يىللىق دوكلاتىدا، بۇ دۆلەتتە پۇقرالارنىڭ ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتىنىڭ 2016 – يىلى رېكورت دەرىجىگە يەتكەنلىكىگە ئىشارەت قىلىندى؛ دوكلاتتا، ئافغانىستان خەۋپسىزلىك كۈچلىرى بىلەن قوراللىق گۇرۇپپىلار ئارىسدىكى توقۇنۇشلارنىڭ پۇقرالارنىڭ ئۆلۈپ كېتىش ۋە يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ۋەقەلەرنىڭ ئالدىنقى قاتارىدىن ئورۇن ئالغانلىقى قەيت قىلىندى.

دوكلاتتا، پۇقرالار ئەڭ كۆپ ئۆلۈپ كەتكەن ۋە يارىلانغان شەھەرلەرنىڭ كابۇل، ھېلماند، قەندىھار، نانگارھار، ئۇرۇزگان، قۇندۇز ۋە فەرياب ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر