راققادا دائېشنىڭ چاڭگىلىدىكى نېفىت بازىلىرى بومباردىمان قىلىندى

سۈرىيەنىڭ راققا شەھىرىدە دائېشنىڭ چاڭگىلىدىكى نېفىت بازىلىرى خەلقئارا ئىتتىپاقداش قىسىملىرى تەرىپىدىن بومباردىمان قىلىندى.

665535
راققادا دائېشنىڭ چاڭگىلىدىكى نېفىت بازىلىرى بومباردىمان قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى باشچىلىقىدا دائېشقا قارشى تەشكىللەنگەن خەلقئارا ئىتتىپاقداش قىسىملار، سۈرىيەنىڭ راققا شەھىردە دائېشنىڭ چاڭگىلىدىكى نېفىت بازىلىرىنى ھۇجۇم نىشانى قىلدى.

ئارمىيە قوماندانلىق ئىشتابى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئىتتىپاقداش قىسىملارنىڭ راققاغا يېقىن جايدا تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا تەۋە نۇقتىلارنى بومباردىمان قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، دائېشقا تەۋە 11 يېقىلغۇ ماشىنىسى، ئالتە نېفىت ۋارىلى، ئۈچ نېفىت پىششىقلاپ ئىشلەش ماشىنىسى، بىر نېفىت ئىسكىلاتى بىلەن بىرلىكتە، تېررورچىلار تەرىپىدىن ئىشلىتىلگەن ئىككى بازا، ئىككى تۇنېل بىلەن بىر بىنانىڭ يوق قىلىنغانلىقى ۋە رايوندىكى قاتناش يوللىرىنىڭمۇ بىتچىت قىلىنغانلىقى قەيت قىلىندى.

باياناتتا يەنە، ئەل-باب رايونىدىمۇ دائېشنىڭ ئۈچ بازىسىغىمۇ ھۇجۇم قىلىنغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

بۇنىڭدىن تاشقىرى، ئىيوردانىيە ئارمىيەسى سۈرىيەنىڭ جەنۇبىدا تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا تەۋە  بازىلارنىڭ بومباردىمان قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئىيوردانىيە خەۋەر ئاگېنتلىقى پېترانىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى بومباردىمان قىلغان يەرلەر ئىچىدە سۈرىيە ئارمىيەسىگە تەۋە بولغان، كېيىنچە دائېش تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنىۋېلىنغان بىر ھەربىي بازا بىلەن قورال-ياراغ ئىسكىلاتلىرى ۋە تەشكىلاتقا تەۋە قونالغۇلارنىڭ بارلىقى، شۇنداقلا بومباردىمانلار ئەسناسىدا نۇرغۇن تېررورچىنىڭ ئۆلگەنلىكى ۋە يارىلانغانلىقى بىلدۈرۈلگەن بولسىمۇ، سان ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات بېرىلمىدى.

خەۋەردە ھەربىي ھەرىكەتلەرنىڭ دائېش بازىلىرىنى يوق قىلىش مەقسىتىدە ئېلىپ بېرىلغانلىقى قەيت قىلىندى.

ئىيوردانىيە ئارمىيەسى خەلقئارا ئىتتىپاقداش قىسىملىرى بىلەن ھەمكارلىق ئىچىدە ھەرىكەت قىلىپ سۈرىيە ۋە ئىراقتا دائېشقا قارشى ھاۋادىن ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بارماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر