ئامېرىكىلىق مۇسۇلمانلار ترامپقا نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئاممىۋى ھالدا جۈمە نامىزى ئوقۇدى

نىيۇ يورك شەھىرىدىكى مۇسۇلمان ئامېرىكىلىقلار ترامپنىڭ كۆچمەنلەرگە قارشى چىقارغان قارارنامىلىرىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش مەقسىتىدە جون كېنېدى ئايرودۇرۇمىدا ئاممىۋى ھالدا جۈمە نامىزى ئوقۇدى.

665293
ئامېرىكىلىق مۇسۇلمانلار ترامپقا نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئاممىۋى ھالدا جۈمە نامىزى ئوقۇدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپنىڭ 7 ئىسلام دۆلىتىدىن كەلگەنلەرنىڭ ئامېرىكىغا كىرىشىنى چەكلەش ۋە كۆچمەن قوبۇل قىلماسلىق نىشان قىلىنغان قارارنامىلىرىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش يۈزىسىدىن ئاممىۋى ھالدا ئوقۇلغان جۈمە نامىزىغا 200 ئەتراپىدا مۇسۇلمان ئامېرىكىلىق كۆچمەن ئىشتىراك قىلدى.

نىيۇ يورك كۆچمەنلەر بىرلىكى ئۇيۇشتۇرغان پائالىيەتنى مىنكىۋون ئاممىۋى ھەرىكىتى ناملىق كورېيەلىك ۋە باشقا ئاسىيالىقلارغا خىزمەت قىلىۋاتقان ئاممىۋى تەشكىلاتلارمۇ قوللىدى.

نامازدىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتكە ھولوكوست پاجىئەسىدىن قۇتۇلۇپ قالغان 91 ياشلىق ئامېرىكىلىق سۇزان لوئېبېلمۇ ئىشتىراك قىلدى ھەمدە ئاممىغا خىتاب قىلىپ مۇنداق دېدى: «كۈنىمىزنىڭ كۆچمەنلىرى ۋە مۇساپىرلىرى بىلەن بىللىمەن، دۆلىتىمنىڭ روھىنى ئەكس ئەتتۈرمەيدىغان ناھەق ۋە ئادالەتسىز پىرېزىدېنت قارارنامىلىرىنىڭ بىكار قىلىنىشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر