فېدېرال سوتچى ترامپنىڭ چەكلىمىسىنى توختىتىش قارارى چىقاردى

ئامېرىكىنىڭ سىئاتېل شەھەرلىك فېدېرال سوتچىسى پىرېزىدېنت ترامپنىڭ نوپۇسىنىڭ كۆپىنچىسى مۇسۇلمان بولغان 7 دۆلەتنىڭ پۇقرالىرىغا قويغان ۋىزا چەكلىمىسىنى توختىتىش توغرۇلۇق قارار چىقاردى.

665162
فېدېرال سوتچى ترامپنىڭ چەكلىمىسىنى توختىتىش قارارى چىقاردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فېدېرال سوتچى جېيمز روبارت 27 – يانۋار شەنبە كۈنى ترامپ ئىمزالىغان قارارنامە دائىرىسىدىكى ۋىزا چەكلىمىسىنى توختىتىش توغرۇلۇق ئاغزاكى قارار چىقاردى.

سابىق پىرېزىدېنت بۇش دەۋرىدە ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن سوتچى روبارتنىڭ يازما قارارىنىڭ ئەدلىيە مىنىستىرلىقىغا ئەۋتىلىشىدىن كېيىن مىنىستىرلىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدۇ.

ئاق ساراي باياناتچىسى سېن سپايسېر بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا، سوتچىنىڭ قارارىنى تەنقىد قىلدى.

سپايسېر ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە پىرېزىدېنت ترامپنىڭ قارارنامىسىنى تەكرار ئىجرا قىلىشقا باشلايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ھالدا مۇنداق دېدى: «پىرېزىدېنتنىڭ يوليۇرۇقى دۆلىتىمىزنى قوغداشنى نىشان قىلىدۇ، دەرۋەقە، ئاساسىي قانۇندا پىرېزىدېنتنىڭ بۇ ھەقتە قارارنامە چىقىرىش ھوقۇقى ھەم ئامېرىكا خەلقىنى قوغداش مەسئۇلىيىتى بار.»

ئالدىنقى كۈنى ۋاشىنگتون ئىشتاتى پىرېزىدېنت ترامپنىڭ قارارىنىڭ بىكار قىلىنىشى ئۈچۈن سوتقا ئەرز سۇنغانىدى.

ۋاشىنگتون ئىشتاتىنىڭ باش تەپتىشى بوب فېرگېسېن ئامېرىكىنىڭ CNN  تېلېۋىزىيە قانىلىغا بەرگەن باياناتىدا، فېدېرال ھۆكۈمەتنىڭ قارارغا رىئايە قىلىشىنى كۈتۈۋاتقانلىقلىرىنى تەكىتلىدى ھەمدە بۇ ھەقتە ئالىي سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنىدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «شۇڭا بىز قانۇنچىلىق فاكۇلتېتىدا ئوقۇغانىدۇق.»

يەنە بىر تەرەپتىن، بوستېندا بىر فېدېرال سوتچى ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ قارارىنى ئۇيغۇن دەپ قاراپ، بىكار قىلىنىشىنى رەت قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر