ئامېرىكا ئىرانغا نوتا تاپشۇردى

ھەمىشە ئىران بىلەن ھاسىل قىلىنغان يادرو كېلىشىمىنى بىكار قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ كېلىۋاتقان ئامېرىكىنىڭ يېڭى پىرېزىدېنتى ترامپ ھۆكۈمىتى ئىرانغا نوتا تاپشۇردى.

663815
ئامېرىكا ئىرانغا نوتا تاپشۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  ئاق ساراي باياناتچىسى سېن سپايسىر مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، تېھران ھۆكۈمىتى يادرو باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى ئېلىپ بارغانلىقى ئۈچۈن ۋاشىنگتوننىڭ ئىراننى ئاگاھلاندۇرۇپ نوتا تاپشۇرغانلىقىنى جاكارلىدى.

مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا ئىشتىراك قىلغان ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى گېنېرال مايكېل فلىن ئىران ئېلىپ بارغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى ھەققىدە تولۇق مەلۇماتقا ئىگە ئىكەنلىكلىرىنى ئېيتتى.

دونالد ترامپ تەرىپىدىن ئامېرىكىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى قىلىپ تەيىنلەنگەن نىكى ھېيلىمۇ ئىراننىڭ ئوتتۇرا مۇساپىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى ئېلىپ بېرىشىنى قەتئىي قوبۇل قىلمايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ، ئىراننى قاتتىق ئاگاھلاندۇردى.

ۋاشىنگتوننىڭ تېھراننىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا تېخنىكىسى سېتىۋېلىشىنى توختىتىش نىيىتى بارلىقىنى ئەسكەرتكەن ھېيلى، ھېچبىر دۆلەتنىڭ ئىرانغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا تېخنىكىسى سېتىپ بەرمەسلىكى لازىملىقىنى قەيت قىلدى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 2015 – يىلى 20 – ئىيۇل كۈنى قوبۇل قىلىنغان قارارىدا، ئىراننىڭ يادرو بېشى توشۇش ئىقتىدارىغا ئىگە باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا مەسىلىسىدە ھەرقانداق پائالىيەتتە بولۇشى ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى ئېلىپ بېرىشى چەكلەنگەنىدى.

تېھران ھۆكۈمىتى بولسا باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىنىڭ يادرۇ بېشى توشۇش ئىقتىدارىغا ئىگە ئەمەسلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

ئىراننىڭ قولىدىكى ئوتتۇرا مۇساپىلىق باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنىڭ 3 مىڭ كىلومېتىرلىق مۇساپىغا يېتىپ بارالايدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

پۈتكۈل دۇنيانىڭ دىققىتى ئىران بىلەن غەرب ئەللىرى ئوتتۇرىسىدا بۇلتۇر ئىمزالانغان يادرو كېلىشىمىدىن ھالقىپ كەتكەنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك دەۋالارغا تېھران ھۆكۈمىتىنىڭ قانداق ئىنكاس قايتۇرىدىغانلىقىغا مەركەزلەشمەكتە.

دونالد ترامپ سايلام سەپەرۋەرلىك ھەرىكەتلىرى جەريانىدا ئوباما ھۆكۈمىتى ئىمزالىغان كېلىشىمنى تەنقىد قىلغان ھەمدە پىرېزىدېنت بولغان تەقدىردە بۇ كېلىشىمنى بىكار قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر