لاۋروۋ، ترامپ دائىرىلىرىنى سۆزلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە چاقىردى

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ، تۈركىيە، رۇسىيە ۋە ئىران تەرىپىدىن قۇرۇلغان ئۈچ تەرەپ سۈرىيە مېخانىزمىنىڭ ئىجرا قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

663331
لاۋروۋ، ترامپ دائىرىلىرىنى سۆزلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پارس قولتۇقى ئەللىرىدىكى زىيارىتى دائىرىسىدە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ پايتەختى ئەبۇ دابىدە ئۆتكۈزۈلگەن تۆتىنچى نۆۋەتلىك ئەرەب – رۇس ھەمكارلىق مۇنبىرىدە سۆز قىلغان لاۋروۋ، سۈرىيەدىكى ئۇرۇش توختىتىش ۋە ئاستانە مۇساپىسى ھەققىدە توختالدى.

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لاۋروۋ، ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە ئاساسەن رىئايە قىلىنغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى. ئۇ، ترامپ دائىرىلىرىنى سۈرىيەدە بىخەتەر رايون تەسىس قىلىش يولىدىكى سۆزلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە چاقىردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر