سۈرىيەدە ئەسەد قىسىملىرى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە 358قېتىم بۇزغۇنچىلىق قىلدى

سۈرىيەدە ئەسەد قىسىملىرى بىلەن ئىران قوللاپ كېلىۋاتقان قوراللىق كۈچلەر ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە 358 قېتىم بۇزغۇنچىلىق قىلغان.

661774
سۈرىيەدە ئەسەد قىسىملىرى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە 358قېتىم بۇزغۇنچىلىق قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەدە بۇلتۇر 30-دېكابىردا يولغا قويۇلۇشقا باشلىغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ۋە قوللىغۇچىلىرى تەرىپىدىن 358 قېتىم بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىدى.

سۈرىيە ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتىنىڭ بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى بىر ئاي ئىچىدە كۆپىنچى ھاللاردا بەششار ئەسەد قىسىملىرى ۋە ئەسەدنى قوللايدىغان تېررورچىلار تەرىپىدىن 366 قېتىم بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان.

ئەسەد قىسىملىرى ۋە ئىران قوللاپ كېلىۋاتقان قوراللىق قىسىملار ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە ھامادا 108، ھەلەبتە 51، دەمەشىقتە 46، ئىدلىبتە 41، ھۇمۇستا 37، دەرئادا 22، ھاسەكەدە 3، دەير ئەز-زۇردا 1 قېتىم بولۇپ جەمئىي 315 قېتىم بۇزغۇنچىلىق قىلدى. بۇ قىلمىشلاردا 24ى بالا بولۇپ جەمئىي 95 پۇقرا بىلەن 5 ئۆكتىچى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

دوكلاتقا ئاساسلانغاندا، ئەسەد ھاكىمىيىتىنى قوللىغان رۇسىيە قىسىملىرىمۇ ئىدلىبتە 25، ھەلەبتە 15، ھامادا 3 قېتىم بولۇپ جەمئىي 43 قېتىم ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە بۇزغۇنچىلىق قىلدى.

ئۆكتىچىلەر ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە ھەلەب ۋە ھامادا بولۇپ جەمئىي 8 قېتىم بۇزغۇنچىلىق قىلغان.

قازاقىستاننىڭ پايتەختى ئاستانادا 23-يانۋاردىن 24-يانۋارغىچە ئۆتكۈزۈلگەن سۈرىيە مۇزاكىرىلىرىدە تۈركىيە، رۇسىيە ۋە ئىران قاتارلىق دۆلەتلەر ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى قوغداش ئۈچۈن ئۈچ تەرەپ كۆزىتىش مىخانىزىمىسى بەرپا قىلىش مەسىلىسىدە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلىشقانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر