كانادادا بىر جامە قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

قوراللىق كىشىلەرنىڭ كانادانىڭ كۇئېبېك شەھىرىدىكى بىر جامەگە ھۇجۇم قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

661399
كانادادا بىر جامە قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچرىدى
kanada cami saldırı.jpg
kanada cami saldırı2.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كانادانىڭ كۇئېبېك شەھىرىدىكى بىر جامە قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچراپ، 6 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى، 8 ئادەم يارىلاندى.

سېنت فوي رايوندىكى كۇئېبېك ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزى جامەسىگە قىلىنغان ھۇجۇم، جامائەت شام نامىزى ئۆتەشكە تەييارلىنىۋاتقان ئەسنادا مەيدانغا كەلدى.

 ئۈچ كىشى تەرىپىدىن سادىر قىلىنغان بولۇش ئېھتىمالى بارلىقى قەيت قىلىنغان ھۇجۇم ئەسناسىدا جامەدە 40 ئادەم بار ئىدى.

ھۇجۇم بىلەن چېتىشلىقى بار، دەپ قارالغان ئىككى كىشى نازارەت ئاستىغا ئېلىندى .

كانادا تاراتقۇلىرى، نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانلاردىن بىرىنىڭ (27 ياش) ھۇجۇمدا ئىشلەتكەن ئاپتومات بىلەن بىرلىكتە قولغا چۈشۈرۈلگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

كانادا باش مىنىستىرى جاستىن ترۇدېئۇ ھۇجۇم توغرىسىدا ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئارقىلىق تارقاتقان ئۇچۇرىدا، «بۇ كېچە كانادالىقلار، كۇئېبېكتىكى بىر جامەگە قىلىنغان پەسكەشلەرچە ھۇجۇمدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ماتىمىنى تۇتماتقا. ئوي – پىكرىمىز قۇربانلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرى بىلەن بىرگىدۇر» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بەردى.

كۇئېبېكتىكى ھۇجۇمغا ئۇچرىغان مەزكۇر جامە ئىيۇن (2016) ئېيىدىمۇ مۇسۇلمانلارغا قارشى بىر قېتىملىق ئۆچمەنلىك جىنايىتىگە سەھنە بولغانىدى.

كانادا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئىشىكىنى تاقىۋەتكەن ئوتتۇرا شەرق ۋە ئافرىقىدىكى 7 دۆلەتلەرنىڭ كۆچمەنلىرىنى قوبۇل قىلىشنى قارار قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر