نىيۇ يوركتىكى كېننىدىي ئايرودۇرۇمىدا بىر مۇسۇلمان ئايالغا ھاقارەت قىلىندى

نىيۇ يورك شەھىرىدىكى جون كېننىدىي ئايرودۇرۇمىدا دېلتا ھاۋا يوللىرىدا خىزمەت قىلىدىغان رابىيە خان ئىسىملىك مۇسۇلمان ئايالنىڭ بىر يولۇچىنىڭ ھاقارەت قىلىشىغا ئۇچرىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

660312
نىيۇ يوركتىكى كېننىدىي ئايرودۇرۇمىدا بىر مۇسۇلمان ئايالغا ھاقارەت قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نىيۇ يوركتىكى جون كېننىدىي ئايرودۇرۇمىنىڭ كۈتۈش زالىدا روبىن خودېس ئىسىملىك يولۇچى مۇسۇلمان بىر ئايالغا ھاقارەت قىلىپ ھۇجۇم قىلدى.

كۋنس رايونلۇق تەپتىش خادىمى رىچارد بروۋىن ماسساچۇستىس يولۇچىسى 57 ياشلىق روبىن خودېسنىڭ دېلتا ھاۋا يوللىرىدا خىزمەت قىلىدىغان رابىيە خانغا پوخۇرلۇق قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

قەيت قىلىنىشىچە، يولۇچى خودېس دەسلەپتە ياغلىق چېگىۋالغان رابىيە خاننىڭ ئىشخانىسىنىڭ ئىشىكىنى قوپاللىق بىلەن تاراقىشتىپ ئېچىپ ئىچىگە كىرگەن ۋە: «بۇ يەردە نېمە قىلىۋاتىسەن؟ ئۇخلاۋاتامسەن ياكى ناماز ئوقۇۋاتامسەن؟» دەپ ۋارقىرغان. نېمە بولغانلىقىنى بىلەلمەيلا قالغان رابىيە خان: «نېمە بولدى؟ مەن نېمە قىپتىمەن؟» دېگەن. بۇنىڭ بىلەن يولۇچى خودېس رابىيە خاننى تىللاشقا باشلىغان.

ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، خودېسنىڭ ئايالى ئۇنى قولىدىن تارتىپ رابىيە خاننىڭ ئىشخانىسىدىن چىقىرىشقا تىرىشقان. ۋەقەنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن بىر كىشىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ كىشى ئۇلارنىڭ ئارىسىغا كىرىشى بىلەن رابىيە خان ئىشخانىسىدىن قېچىپ چىققان، ئەمما خودېس رابىيە خاننى تۇتۇۋېلىپ، ناماز ئوقۇغانلىقىنى كەمسىتىپ ھاقارەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرغان.

تەپتىش خادىمى بروۋىن: يولۇچى خودېس رابىيە خانغا تەھدىت سالغان

يولۇچى خودېسنىڭ باشقىلارغا ھۇجۇم قىلىش، خىزمىتىگە مەجبۇرىي توسالغۇلۇق قىلىش، تەھدىت سېلىش ۋە نەپرەت پەيدا قىلىش قاتارلىق جىنايەتلەر بىلەن قولغا ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «بۇ ئەڭ كۆپ ئوخشىمىغان مەدەنىيەتلەرگە ئىگە رايونلاردىن بىرى بولغان كۋنستە قىلىنغان قالاقلىقتۇر» دېگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر