فىرانسىيە ئاساسىي قانۇن سوت مەھكىمىسى تۈركىيەگە مۇناسىۋەتلىك قانۇننى رەت قىلدى

فىرانسىيە ئاساسىي قانۇن سوت مەھكىمىسى 1915 – يىلقى ئەرمەنى دەۋالىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «بىر قىسىم جىنايەتلەرنى رەت قىلىشنى جىنايەت ھېسابلاش» قا مۇناسىۋەتلىك قانۇننىڭ ھۆكمىنى بىكار قىلدى.

660406
فىرانسىيە ئاساسىي قانۇن سوت مەھكىمىسى تۈركىيەگە مۇناسىۋەتلىك قانۇننى رەت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەھكىمەنىڭ بۇ ھەقتىكى قارارىدا، مەۋجۇت نەپرەتكە تەشۋىق قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك قانۇنلار بولغانلىقى ئۈچۈن، بۇلتۇر قانۇنلاشقان قارارنامىگە ئېھتىياج يوقلۇقى تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: «بۇ قانۇن سادىر قىلىنغان ھامان جىنايەت تەشكىل قىلمايدىغان ۋەقەلەر ھەققىدە ئانالىز ئېلىپ بېرىشنى جازالاشقا يول ئاچماقتا. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ قانۇن ئادەتتە تارىخىي ھادىسىلەر ھەققىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان بەس – مۇنازىرىلەر ئارقىلىق قارارلاشتۇرۇلۇشقا تېگىشلىك ۋەقەلەر ۋە پىكىرلەرنىڭ قانۇنلۇق ياكى ئەمەسلىكى مەسىلىسىدە ئېنىقسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا. جۈملىدىن بۇ قانۇن پىكىر ئەركىنلىكىگە كېرەكسىز ۋە ئادەتتىن تاشقىرى دەرىجىدە ھۇجۇمدۇر.»

قانۇننىڭ پارلامېنت ۋە پالاتانىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتۈشى تۈركىيەنىڭ ۋە فىرانسىيەدىكى تۈرك جەمئىيەتلىرىنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىغان، كېيىنچە بۇ قانۇن ئۈستىدىن بىر ئاساسىي قانۇن مۇتەخەسسىسى ۋە تۈرك جەمئىيەتلىرىنىڭ ئىلتىماس سۇنۇشى نەتىجىسىدە ئاساسىي قانۇن سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنۇلغانىدى.

فىرانسىيە ئاساسىي قانۇن سوت مەھكىمىسىنىڭ بۇ قانۇن ھەققىدە قارار چىقىرىشى «تۈركىيەنىڭ قانۇنىي جەھەتتىكى زەپىرى» دەپ قارالماقتا.

فىرانسىيەدە نىكولاس ساركوزي پىرېزىدېنت ۋەزىپىسى ئۆتىگەن مەزگىلدە قوبۇل قىلىنغان يەنە شۇنىڭغا ئوخشىغان بىر قانۇنمۇ پىكىر ئەركىنلىكىگە چەكلىمە قويىدىغانلىقى تۈپەيلى ئاساسىي قانۇن سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن بىكار قىلىنغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر