توبرۇك كۈچلىرى گۆرۈدىكى چەت ئەللىكلەرنى قۇتۇلدۇردى

مەركىزىي توبرۇكقا جايلاشقان ۋەكىللەر مەجلىسىگە قاراشلىق كۈچلەر بىنغازى شەھىرىگە يېقىن قەنفۇدە رايونىنىڭ كونتروللۇقىنى قولغا كىرگۈزدى.

659728
توبرۇك كۈچلىرى گۆرۈدىكى چەت ئەللىكلەرنى قۇتۇلدۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لىۋىيەنىڭ تېررورىزمغا قارشى كۈرىشى داۋام قىلماقتا؛ مەركىزىي توبرۇكقا جايلاشقان ۋەكىللەر مەجلىسىگە قاراشلىق كۈچلەر بىنغازى شەھىرىگە يېقىن قەنفۇدە رايونىنىڭ كونتروللۇقىنى قولغا كىرگۈزدى.

ۋەكىللەر مەجلىسىگە قاراشلىق كۈچلەر، تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن گۆرۈگە ئېلىۋېلىنغان 64 كىشىنى قۇتقۇزۇۋالدى.

قەنفۇدەنىڭ قولغا كىرگۈزۈلۈشى بىلەن بىرلىكتە رايوندا مۇھاسىرىدە قالغان مىسىر، سۇدان ۋە باڭلادىش پۇقرالىرى تارقاقلاشتۇرۇلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر