مۇسۇلدا دائېش ئوت قويۇپ بەرگەن نېفىت قۇدۇقلىرى ئېغىر مەسىلىگە ئايلانماقتا

ئالاقىدار مەسئۇللار تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ قېچىپ چېقىشتىن ئىلگىرى نېفىت قۇدۇقلىرىدا ئاز دېگەندىمۇ 30 بومبا پارتلاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

659859
مۇسۇلدا دائېش ئوت قويۇپ بەرگەن نېفىت قۇدۇقلىرى ئېغىر مەسىلىگە ئايلانماقتا

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراقنىڭ مۇسۇل شەھىرىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان كاييارا يېزىسىدىكى خام نېفىت قۇدۇقلىرىدا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىنى ئۆچۈرۈش مۇمكىن بولمايۋاتماقتا.

تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش 5 ئاي ئىلگىرى يېزىدىن قېچىپ چىقىش ئالدىدا خام نېفىت قۇدۇقلىرىغا ئوت قويۇپ بەرگەن ئىدى.

ئىراق نېفىت ئىشلىرى مىنىستىرلىقىغا قاراشلىق شىمالىي نېفىت شىركىتى مەسئۇللىرى ۋە ئوت ئۆچۈرۈش ئەترەتلىرى ھازىرغا قەدەر 13 قۇدۇقتىكى ئوتنى ئۆچۈرۈپ قالالىدى. بىراق قالغان 11 قۇدۇقتىكى ئوت ئاپىتى داۋاملاشماقتا.

بۇنچە چوڭ نېفىت قۇدۇقلىرىدىكى ئوت ئاپىتىنى ئۆچۈرۈش نېخنىكىلىق ئىمكانىيەتلىرى تولىمۇ يېتەرسىز ئىراق ھۆكۈمىتىگە نىسبەتەن قېيىنغا توختىماقتا. ھۆكۈمەت رايونغا قوشۇمچە ياردەمچى ئەترەتلەرنى ئەۋەتكەن بولسىمۇ، ئوت ئۇچۇرۇشتە ئۇتۇققا ئېرىشەلمەي كەلمەكتە.

ئوت ئۆچۈرۈش ئەترەتلىرى ئاسمان بىلەن بوي تالاشقان ئوت يالقۇنلىرىغا مۇداخىلە قىلالماي، ئەتراپقا سۇ تۆكۈپ بىر ئاز سۆرىنلىۋالغاندىن كېيىن ئاندىن ئوتقا مۇخادىلە قىلىشقا تىرىشىپ كەلمەكتە. يەنە بىر تەرەپتىن توپا ئىتتىرىش ماشىنىلىرى داۋاملىق تۈردە ئوت كەتكەن قۇدۇقلارغا توپا تۆكمەكتە.

ئىراقنى مىليونلىغان دوللارلىق زىيانغا ئۇچراتقان بۇ ئوت ئاپىتى سەۋەبىدىن رايوننى قاپلىغان قويۇق ئىس – تۈتەكلەر رايوندىكى پۇقرالارغا، بولۇپمۇ كىچىك ئۆسمۈرلەرگە ئېغىر تەسىر يەتكۈزمەكتە.

شىمالىي تېفىت شىركىتى مەسئۇللىرى تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ قېچىپ چېقىشتىن ئىلگىرى نېفىت قۇدۇقلىرىدا ئاز دېگەندىمۇ 30 بومبا پارتلاتقانلىقىنى تەخمىن قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر