پايتەخت مۇقدىشودىكى «مەككەئى-مۇكەررەم»كوچىسى قانغا بويالدى
سومالىنىڭ پايتەختى مۇقدىشودىكى «مەككەئى-مۇكەررەم كوچىسى»دا بومبىلىق ھۇجۇم يۈز بەردى.
658725
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:سومالىنىڭ پايتەختى مۇقدىشودا ھۆكۈمەت مەسئۇللىرى تۇرۇۋاتقان بىر مېھمانخانا ئالدىدا سادىر بولغان بومبىلىق ھۇجۇمدا دەسلەپكى مەلۇماتلارغا سېلىشتۇرغاندا 12 ئادەم ئۆلگەن.
ساقچى ئىدارىسىدىن ئېلىنغان مەلۇماتلارغا قارىغاندا ، پايتەخت مۇقدىشونىڭ مەككەئى-مۇكەررەمە كوچىسىغا جايلاشقان بىر مېھمانخانا بومبا قاچىلانغان 2 ئاپتوموبىلنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان.
ھۇجۇمدا خەلقئارا مېدىيا ئورگانلىرىدا ئىشلەيدىغان 4 كامېراچى بولۇپ 25 ئادەم يارىلانغان.
بۇ ھۇجۇم توغرۇلۇق رەسمىي دۆلەت ئورگانلىرى ھازىرغىچە مەلۇمات بەرمىگەن.
بىراق تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەش-شەباب ئىنتېرنېتتە ھۇجۇم توغرۇلۇق ئۇچۇر تارقىتىپ، ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالدى.