بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى  پ ك ك نىڭ گېرمانىيەدىكى كاتتىبېشى قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى

بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى  پ ك ك نىڭ گېرمانىيەدىكى كاتتىبېشى 3 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى.

659087
بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى  پ ك ك نىڭ گېرمانىيەدىكى كاتتىبېشى قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇسسېلدورف ئۆلكىلىك ئالىي سوت مەھكىمىسى ئەھمەد ج (52 ياش) غا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى  پ ك ك غا ئەزا بولۇش، ياردەم بېرىش ۋە قوللاش جىنايەتلىرى بىلەن ئەيىبلەپ 3 يىللىق قاماق جازاسى بەردى.

7 – جىنايى ئىشلار باشقارمىسىدىكى سوتتا، كېرىم تەخەللۇسلۇق ئەھمەد ج نىڭ گېرمانىيەنىڭ بون، كۆلىن، بىئېلېفېلد، ئېسسېن، بوچۇم، دورتمۇند ۋە دۇسسېلدورف رايونلىرىنىڭ مەسئۇلى ئىكەنلىكى ۋە بۇ يەردىن تەشكىلاتقا ئىقتىسادىي ياردەم بەرگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

3 يىللىق قاماق جازاسىنىڭ ئاقلىنىشقا ئوچۇق ئىكەنلىكى تەكىتلەندى.

پ ك ك گېرمانىيەدە 1993 – يىلدىن بۇيان تېررورلۇق تەشكىلاتى دەپ قوبۇل قىلىنماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر