ب د ت تۈركىيە، رۇسىيە ۋە ئىرانغا رەھمەت ئېيتتى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى سۈرىيە ئالاھىدە ۋەكىلى تۈركىيە، رۇسىيە ۋە ئىرانغا رەھمەت ئېيتتى.

658451
ب د ت تۈركىيە، رۇسىيە ۋە ئىرانغا رەھمەت ئېيتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ سۈرىيە ئالاھىدە ۋەكىلى ستاففان دې مىستۇرا قازاقىستاننىڭ پايتەختى ئاستانادا چاقىرىلغان يىغىن ئاخىرلاشقان، رۇسىيە، تۈركىيە ۋە ئىران قاتارلىق كېپىل دۆلەتلەر تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان ئورتاق باياننامەنىڭ ئېلان قىلىنىشىدىن كېيىن  ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى ھەمدە بۇ يەردە قىلغان سۆزىدە، ئۇرۇش توختىتىشنى كۆزىتىش ئۈچۈن ئورنىتىلغان ئۈچ تەرەپلىك مىخانىزمغا ياردەم بېرىشكە تەييار ئىكەنلىكلىرىنى تەكىتلىدى.

مىستۇرا سۈرىيە مىقياسىدا ئومومىيۈزلۈك ئۇرۇش توختىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدا ناھايتى زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقان تۈركىيە، رۇسىيە ۋە ئىرانغا رەھمەت ئېيتتى.

ئۇ يەنە، سىياسىي دىيالوگنىڭ ئاستانا ئۇچرىشىشلىرىدىن كېيىن جەنۋەدە داۋاملاشتۇرۇشنىڭ زۆرۈرلۈكىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر