ئەنگلىيە باش ۋەزىرى تۈركىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ

ئەنگلىيە باش ۋەزىرىنىڭ شەنبە كۈنى ئېلىپ بارىدىغان زىيارىتىدە ئىككى تەرەپنىڭ ئۆزئارا مۇناسىۋەتلىرى نۇقتىلىق تېما بولىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

658256
ئەنگلىيە باش ۋەزىرى تۈركىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيە باش ۋەزىرى تېرېسا مېي شەنبە كۈنى (2017- يىلى 28 – يانۋار) تۈركىيەگە كېلىدۇ.

ئەنگلىيە باش ۋەزىرى تېرېسا مېي جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋە باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم بىلەن كۆرۈشىدۇ. ئۇچرىشىشتا، دائېشقا قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان خەلقئارالىق كۈرەشتىن باشقا يەنە، ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىشقا تەييارلانغان ئەنگلىيەنىڭ تۈركىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىشىمۇ مۆلچەرلەنمەكتە.

تېرېسا مېي 26 – ۋە 27 – يانۋاردا ئامېرىكىنىڭ يېڭى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن بىۋاستە ئۇچرىشىش ئېلىپ بارىدىغان تۇنجى رەھبەر بولۇپ، ئامېرىكا زىيارىتىنىڭ ئارقىدىنلا تۈركىيەگە يېتىپ كېلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر