خىتايدا ئىنتېرنېتكە ئالاقىدار چەكلىمىلەر تېخىمۇ كۈچەيتىلمەكتە

خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ قېتىم ئىنتېرنېتتە تام ئاتلاش پىروگراممىلىرى بولغان «VPN»نى ئىشلىتىشنى جىنايەت قاتارىغا كىرگۈزدى.

658285
خىتايدا ئىنتېرنېتكە ئالاقىدار چەكلىمىلەر تېخىمۇ كۈچەيتىلمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتايدا ئىنتېرنېتكە ئالاقىدار چەكلىمىلەر تېخىمۇ كۈچەيتىلمەكتە، خىتايدا بۇنىڭدىن كېيىن «VPN» پىروگراممىلىرىنى ئىشلىتىش رەسمىي جىنايەت ھېسابلىنىدىغان بولدى.

خىتاي بۇنىڭدىن ئىلگىرى فەيسبۇك، يۇتوب ۋە تۋىتتېرغا ئوخشاش خەلقئارالىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنى چەكلىكەن بولۇپ، ئىستېمالچىلار بۇنىڭغا چارە ئورنىدا تام ئاتلاش پىروگراممىلىرى بولغان «VPN»نى ئىشلىتىشنى باشلىغان ئىدى.

خىتاي سانائەت ۋە بىلىم-تېخنىكا ئىشلىرى مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئىنتېرنېت ئۇلىنىشىنىڭ مۇستەھكەملىنىشى ئۈچۈن 2018–يىلى مارت ئېيىغا قەدەر «VPN» پىروگراممىلىرىنى ئىشلىتىش رەسمىي مەنئى قىلىندى ۋە بۇنىڭدىن كېيىن جىنايەت ھېسابلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

خىتاي 2016 – يىلى مارت ئېيىدا نۇرغۇنلىغان  «VPN» پىروگراممىلىرىنىڭ ئىشلىتىلىشىنى چەكلىگەن ئىدى. «VPN» پىروگراممىلىرىغا ھەق تۆلىگەن نۇرغۇنلىغان شىركەتلەر پىروگراممىنىڭ خىتايدا ئېچىلماسلىقىدىن شىكايەت قىلغان ئىدى.

خىتاينىڭ «VPN» پىروگراممىلىرىنى ئىشلەتكەنلەرگە قانداق جازالارنى بېرىدىغانلىقى ۋە بۇ چەكلىمىنى قانداق ئىجرا قىلىدىغانلىقى ھەققىدە تېخىچە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىلمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر