بوكو ھارام ئادەم بومبا ھۇجۇملىرىدا ئاياللار ۋە بوۋاقلاردىن پايدىلانماقتا

نىگېرىيەدە بوكو ھارامغا ئوخشاش تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى ئادەم بومبا ھۇجۇملىرىدا ئاياللار ۋە بوۋاقلاردىن پايدىلانماقتا .

658262
بوكو ھارام ئادەم بومبا ھۇجۇملىرىدا ئاياللار ۋە بوۋاقلاردىن پايدىلانماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نىگېرىيەدە بوكو ھارامغا ئوخشاش تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى ئادەم بومبا ھۇجۇملىرىدا باشقىلارنىڭ دىققىتىنى تارتماسلىق ئۈچۈن قۇچاقلىرىغا بوۋاق ۋە بالا ئېلىۋالغان ئاياللاردىن پايدىلانماقتا.

BBC نىڭ بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان خەۋىرىدە، ساقچىلار 13-يانۋاردا نىگېرىيەنىڭ شىمالىغا جايلاشقان ماداگالى ناھىيەسىدە سادىر بولۇپ 8 كىشىنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولغان ئادەم بومبا ھۇجۇمىدا قۇچاقلىرىغا بوۋاق ئېلىۋالغان 2 ئايال بىلەن قېشىدىكى 4 كىشىنىڭ ئۈستىگە تېڭىۋالغان بومبىلارنى پارتلاتقانلىقلىرىنى بىلدۈرگەنلىكلىرىنى خەۋەر قىلدى.

بۇلتۇر 9-دېكابىردىمۇ ماداگالى ناھىيەسىدىكى بىر تاللا بازىرىغا قىلىنغان ئادەم بومبا ھۇجۇمىنى 2 ئايال  سادىر قىلغان بولۇپ، ھۇجۇمدا ئەڭ ئاز 30 ئادەم ئۆلگەن، 67 ئادەم يارىلانغانىدى.

نىگېرىيەدە 2000-يىلدىن بۇيان پائالىيەت قىلىپ كېلىۋاتقان، كاتتىبېشى مۇھەممەد يۇسۇف نازارەت ئاستىدا تۇرۇۋاتقاندا ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن 2009-يىلدا كوللېكتىپ زوراۋانلىق قىلمىشلىرى سادىر قىلىشقا باشلىغان بوكو ھارام، تەخمىنەن 20مىڭ كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى.

تەشكىلات 2015-يىلدىن باشلاپ قوشنا دۆلەتلەردىن كامېرۇن، بېنىن، چاد ۋە نىگېرگە سوقۇنۇپ كىرىپ تېررورلۇق قىلمىشلىرى سادىر قىلىشقا باشلىدى.

چاد، نىگېر، نىگېرىيە، كامېرۇن ۋە بېنىن تەرىپىدىن بوكو ھارامغا قارشى كۈرەشلەر دائىرىسىدە تەشكىل قىلىنغان 10مىڭدىن ئارتۇق ئەسكىرى بولغان ئورتاق كۆپ دۆلەتلىك ھەربىي قىسىممۇ بوكو ھارامنى يوق قىلىش مەقسىتىدە رايوندا ھەربىي ھەرىكەتلەر ئېلىپ بارماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر