رۇسىيە ئامېرىكىنى ئاستانە سۆھبەتلىرىگە رەسمىي تەكلىپ قىلدى

رۇسىيە ئىراننىڭ قارشى چىققان بولۇشىغا قارىماي، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنى 23 – يانۋاردا قازاقىستاننىڭ پايتەختى ئاستانەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان سۈرىيە سۆھبەتلىرىگە رەسمىي تەكلىپ قىلدى.

655160
رۇسىيە ئامېرىكىنى ئاستانە سۆھبەتلىرىگە رەسمىي تەكلىپ قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ، ئامېرىكىغا ئاستانەدە چاقىرىلىدىغان تارىخىي سۈرىيە يىغىنىغا قاتنىشىشى ئۈچۈن  بۈگۈن تەكلىپنامە ئەۋەتىلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

تېھران دائىرىلىرى، موسكۋانىڭ ئەكسىچە ئامېرىكىنىڭ سۆھبەتكە قاتناشماسلىقى كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

تۈركىيە بىلەن رۇسىيەنىڭ باشلامچىلىقىدا ئېلان قىلىنغان سۈرىيەدىكى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى، 30- دېكابىردىن بۇيان ئانچە – مۇنچە خىلاپلىق قىلىش قىلمىشلىرى كۆرۈلگەن بولسىمۇ، ئومۇمەن ئىجرا قىلىندى. ئاستانە سۆھبەتلىرى مەزكۇر مۇساپىنىڭ ئىككىنچى قەدىمى ھېسابلىنىدۇ.

سۈرىيەلىك ئۆكتىچىلەر بىلەن دەمەشق دائىرىلىرى بۇنىڭدىن ئىلگىرى بايانات بېرىپ، ئاستانە سۆھبەتلىرىگە ئىشتىراك قىلىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈشكەنىدى.

سۈرىيەدە ئىجرا قىلىنىۋاتقان نۆۋەتتىكى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى دائېش ۋە ئەننۇسرەگە ئوخشاش تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر