دائېشنىڭ سېپىگە ياۋروپادىن 3 مىڭ كىشى قېتىلدى

تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ سېپىگە ياۋروپادىن 3 مىڭ كىشى قېتىلدى.

655163
دائېشنىڭ سېپىگە ياۋروپادىن 3 مىڭ كىشى قېتىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيەدە چىقىدىغان «‹ Le Figaro› گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، فىرانسىيە تېررورىزمغا قارشى كۈرەش ھەمكارلىق ئورگىنىنىڭ مەسئۇلى لوئىك گارنېر ياۋروپا ئەللىرىدىن 3 مىڭ كىشنىڭى دائېشنىڭ سېپىگە قېتىلغانلىقىنى ئېيتقان، بۇنىڭ ئىچىدە 700 كىشىنىڭ فىرانسىيەدىن بولۇپ، فىرانسىيەدىن دائېشنىڭ سېپىگە قېتىلغانلاردىن 232 كىشىنىڭ سۈرىيە ۋە ئىراقتا ئۆلگەنلىكىنى، سۈرىيە ۋە ئىراقتىن تەخمىنەن 200 كىشىنىڭ فىرانسىيەگە قايتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

2015 – يىلى 7 – يانۋار كۈنى فىرانسىيەدىكى «‹مىزاھ› ژۇرنىلى»  Charlie Hebdo نىڭ  پايتەخت پارىژدىكى ئىشخانىسىغا قىلىنغان ھۇجۇم 12 كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولغانىدى.

2015 – يىلى 13 – نويابىر كۈنى پارىژنىڭ شەرقىدىكى بىر رېستورانىغا ۋە بىر كونسېرت زالىغا قىلىنغان ئايرىم – ئايرىم ئىككى ھۇجۇم 130 كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولغان، 350 كىشىنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانىدى.

بۇلتۇر 14 – ئىيۇل كۈنى مىللىي بايرامنى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى جەريانىدا نىس شەھىرىدىمۇ ھۇجۇم يۈز بېرىپ، 84 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغانىىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر