گۇانتامودىكى 10 مەھبۇس ئومانغا يوللاپ بېرىلدى

ھازىر گۇانتامودىكى مەھبۇسلار سانىنىڭ 45 كە چۈشكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

654069
گۇانتامودىكى 10 مەھبۇس ئومانغا يوللاپ بېرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تېررورلۇق جىنايەتچىلىرىنى سولايدىغان گۇانتامو تۈرمىسىدىكى 10 مەھبۇسنى ئومانغا يوللاپ بەردى.

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە  مىنىستىرلىقى شۇنىڭ بىلەن گۇانتامودىكى مەھبۇسلار سانىنىڭ 45 كە چۈشكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

باياناتتا، ئومان ھۆكۈمىتىنىڭ مەھبۇسلارنى قوبۇل قىلغانلىقى ئۈچۈن ئامېرىكىنىڭ رەھمەت ئېيتقانلىقى، مەھبۇسلارنى كېرەكلىك بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك دائىرىسى ئىچىدە ئومانغا يەتكۈزۈپ بەرگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى باراك ئوباما پىرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىگە ئولتۇرۇشتىن ئىلگىرى بەرگەن ئەڭ مۇھىم ۋەدىلەر ئارىسىدا گۇانتانومونى تاقاشمۇ بار ئىدى.

ئوباما پىرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىگە ئولتۇرۇپ، بىر قانچە كۈندىن كېيىن ئىمزالىغان قارارنامە ئارقىلىق  گۇانتانامونىڭ بىر يىل ئىچىدە تاقىۋېتىلىشى ئۈچۈن بۇيرۇق چۈشۈرگەن بولسىمۇ، بىراق بۇ نىشاننى ئىشقا ئاشۇرالمىغان ئىدى.

ئاقساراي باياناتچىسى جوش ئېرنېست ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئوبامانىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى بويىچە گۇانتانامونى تاقاش مۇمكىن بولمايدىغانلىقىنى تۇنجى قېتىم ئېتىراپ قىلدى.

جوش ئېرنېست: «گۇانتانامونى تاقاش نىشانىمىزنى ئىشقا ئاشۇرالايمىز دەپ قارىمايمەن. بۇ ھەرگىزمۇ تىرىشىپ باقمىدۇق دېگەنلىك ئەمەس» دېدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتلىقىغا سايلانغان دونالد ترامپ تۋىتتېر ھېسابىدىن ھەمبەھىرلەشكەن ئۇچۇرىدا، گۇانتانامودىكى جىنايەتچلەرنىڭ ئىنتايىن خەتەرىك ئىكەنلىكىنى ۋە قويۇپ بېرىلمەسلىكى لازىملىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

شۇ كۈنى ئاقساراي باياناتچىسى جوش ئېرنېست دونالد ترامپنىڭ سۆزلىرىگە جاۋاب قايتۇرۇپ، پىرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىدىغان مەزگىلگىچە مەھبۇسلارنى يۆتكەش خىزمەتلىرىنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر