بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى يەنە بومباردىماننى باشلىدى

بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ ئايروپىلانلىرى ھەلەب ۋە ئىدلىبتىكى قوزغىلاڭچىلارنىڭ كونتروللۇقىدىكى جايلارنى بومباردىمان قىلىپ، سەككىز ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولدى، 15 ئادەمنى يارىلاندۇردى.

654393
بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى يەنە بومباردىماننى باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىدلىبتىكى پۇقرالار قوغدىنىش جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇللىرىدىن ئۆمەر ئۇلۋان بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ئايروپىلانلىرىنىڭ ئىدلىبنىڭ مەركىزىدىكى ئاھالە ئولتۇراق رايونلىرىنى بومباردىمان قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ بومباردىماندا بەش ئادەمنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى، 12 ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى تۇرالغۇ جايلىرىنى ۋەران قىلىش كۈچى يۇقىرى بولغان بومبىلار بىلەن بومباردىمان قىلدى، پۇقرالارنى قوغداش جەمئىيىتىنىڭ خادىملىرى يارىدارلارنى دوختۇرخانىلارغا توشۇدى» دېدى.

ھەلەبتىكى پۇقرالارنى قوغداش جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇللىرىدىن نەجىپ ئەنسارىمۇ بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ئايروپىلانلىرىنىڭ ھەلەب شەھىرىنىڭ غەربىدىكى قوزغىلاڭچىلار كونترول قىلىۋاتقان كەفر ھەلەب يېزىسىنى بومباردىمان قىلىپ، ئۈچ ئادەمنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى، ئۈچ ئادەمنى يارىلاندۇرغانلىقىنى ئېيتتى.    



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر