مىسىرنىڭ «ئاراللار» نى سەئۇدى ئەرەبىستانغا قايتۇرۇپ بېرىش قارارى رەت قىلىندى

مىسىر ئالىي مەمۇرىي مەھكىمىسى، قىزىل دېڭىزدىكى سەنافىر ۋە تىران ئاراللىرىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا قايتۇرۇلۇشىغا دائىر قارارنى رەت قىلدى.

653095
مىسىرنىڭ «ئاراللار» نى سەئۇدى ئەرەبىستانغا قايتۇرۇپ بېرىش قارارى رەت قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىسىر مەمۇرىي مەھكىمىسى، سەنافىر ۋە تىران ئاراللىرىنىڭ مىسىرغا تەۋە ئىكەنلىكىنى، ھۆكۈمەتنىڭ بۇنداق ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلايدىغان بىرەر دەلىل – ئىسپات سۇنالمىغانلىقىنى ئۇقتۇردى ۋە تۆۋەن دەرىجىلىك بىر مەھكىمىنىڭ «ئاراللارنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا قايتۇرۇلۇشى قارارى قانۇنسىزدۇر» دېگەن ھۆكۈمىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

سىسىنىڭ بۇ قارارغا ئېتىراز بىلدۈرۈپ ئاساسىي قانۇن مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنۇشى كۈتۈلمەكتە. ئاراللارنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا بېرىلىشى توغرىسىدىكى قانۇن لايىھەسى ھېلىھەم مىسىر پارلامېنتىنىڭ تەستىقلىشىنى كۈتمەكتە.

سىسى، ئۆتكەن يىلى سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن ئاراللارنىڭ قايتۇرۇپ بېرىلىشى بەدىلىگە ياردەم ئېلىش كېلىشىمى ئىمزالىغانىدى. بىراق سۈرىيە مەسىلىسى تۈپەيلى رىياد بىلەن قاھىرە ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر يىرىكلەشكەن، سەئۇدى ئەرەبىستان 1 – ئۆكتەبىر (2016) دە مىسىرغا نېفىت ئەۋەتىشنى توختاتقانىدى.

سەئۇدى ئەرەبىستان بولسا، ئاراللارنىڭ ئۆزىگە تەۋە ئىكەنلىكىنى، 1950 – يىلى مۇھاپىزەت قىلىنىشى ئۈچۈن مىسىرنىڭ كونتروللۇقىغا تاپشۇرغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر