دائېش 320 ئىراقلىقنى قويۇپ بەردى
دائېش بۇلتۇر گۆرۈگە ئېلىۋالغان 320 ئىراقلىقنى ئىراق-سۈرىيە چېگرىسىدا قويۇپ بەردى.
651835
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تېررورلۇق تەشىلاتى دائېش سۈرىيەدە تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان 320 ئىراقلىقنى قويۇپ بەردى.
ئەنبەر ھەربىي قوماندانلىق ئىشتابىدىكى ئوفېستىر ۋەلىد ئە-دىلىيمى، دائېشنىڭ ئەسكەر، مەمۇر بولۇپ 320 ئىراقلىقنى سۈرىيە-ئىراق چېگرىسىدا قويۇپ بەرگەنلىكىنى ئېيتتى.
دىلىيمى دائېشنىڭ بۇ كىشىلەرنى ئەنباردىكى بارىگاھلىرى توغرۇلۇق ئىراق خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە مەلۇمات بېرىش بىلەن ئەيىبلەپ بۇلتۇر گۆرۈگە ئېلىۋېلىپ سۈرىيەگە ئېلىپ قاچقانلىقىنى بىلدۈردى.